رۇسىيىدە پۇتبول مەستانىلىرى ئارا توقۇنۇش مىللىي توقۇنۇشقا ئايلاندى

6‏-دېكابىر كۈنى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن بىر پۇتبول مۇسابىقىسىدىن كېيىن، توپ مەيدانىدىكى ئىككى گۇرۇپپا پۇتبول مەستانىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش كېلىپ چىققان ئىدى. بۇ توقۇنۇش يېقىنقى كۈنلەردىن بېرى رۇسلار بىلەن بىلەن كاۋكازلار ئارىسىدىكى توقۇنۇشقا ئايلاندى.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2010-12-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

6 ‏-دېكابىردىكى توقۇنۇشتا، رۇس تەرەپدارلىرىدىن بىر كىشى ئۆلگەن. ساقچىلار ۋەقەدە ئوق چىقارغان كاۋكازلىق ياشنى تۇتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ يېشى 15 ياش بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى جازاغا تارتمىغان ھەم شۇ كۈنى ۋەقە پەيدا قىلغان 5 نەپەر كاۋكازلىق ياشنىڭ ھەممىسىنى قويۇۋەتكەن.

بۇنىڭ بىلەن 11‏-دېكابىر كۈنى 2000 دىن ئارتۇق رۇس مىللەتچى ياشلىرى موسكۋادىكى ماكسىم مەيدانىغا يىغىلىپ نامايىش قىلغان ۋە ھۆكۈمەتنىڭ 6 ‏-دېكابىردا ۋەقە چىقارغان كاۋكازلىقلارنى جازالىشىنى تەلەپ قىلغان؛ نامايىش ئاخىرىدا ئۇلار ئالدىغا ئۇچرىغان كاۋكاز ۋە ئاسىيالىق كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلغان. ھۇجۇمدا بىر نەپەر تاجىك ۋە بىر نەپەر كورىيىلىك ئۆلگەن.

بۇنىڭ نەتىجىسىدە بۈگۈن، يەنى 15-دېكابىر كۈنى 10 مىڭدىن ئارتۇق كاۋكازلىقلارنىڭ موسكۋادا نامايىش ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە تور بەتلەر خەۋەر ۋە ئۇقتۇرۇش تارقالغان؛ دېيىلگىنىدەك بۈگۈن ئەتىگەندە كاۋكاز رايونىدىن موسكۋاغا قاتنايدىغان ئاپتوبۇس ۋە پويىز بېكەتلىرى نورمىدىن تاشقىرى كۆپ ساندا يولۇچىلار بىلەن تولغان. رۇس بىخەتەرلىك كۈچلىرى ۋەقەنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قاتناش بېكەت، كوچا دوقمۇشلىرىدا تېگىشلىك تەدبىرلەرنى ئالغان.

توپ مەستانىلىرى ئارا توقۇنۇش ئېتنىك توقۇنۇشقا ئايلانغان بۇ ۋەزىيەتتە،رۇسىيە ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى پىكىر بايان قىلىپ، رۇسىيىدىكى بىر قىسىم رادىكال مىللەتچىلەرنىڭ ۋەقەنى چوڭايتىۋېتىپ بارغانلىقىنى، رادىكال مىللەتچىلىكنىڭ رۇسىيىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن زىيانلىق ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

كاۋكازلىقلار پىلانلىغان بۈگۈنكى 10 مىڭ كىشىلىك نامايىشىنىڭ جەريانى ۋە نەتىجىسى ھەققىدە ھازىرچە مەلۇماتلار مەۋجۇت ئەمەس.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت