ئەخمەدى نېجات بىز غەرب بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشتىن باش تارتمايمىز دېدى

ئىران پرېزىدېنتى ئەھمەدى نېجات بۈگۈن ئىراننىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى كىرمەن شەھىرىدىن بايانات بېرىپ: «بىز غەرب بىلەن ئىراننىڭ يادرو ئېنېرگىيە پروگراممىسى ئۈستىدە كۆرۈشۈشتىن باش تارتمايمىز» دېدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-01-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ، ئىران بىلەن غەرب ئارىسىدىكى سۆھبەتلەر ئۈزۈلۈپ قالغاندىن بۇيان ئىراندىن كەلگەن تۇنجى ئىجابىي سۆز ھېسابلىنىدىكەن.

ئالدىنقى يىلى 1-ئايدا ئىران بىلەن خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا بەش دۆلەت ۋە گېرمانىيە ئارىسىدىكى سۆھبەت مۇۋەپپەقىيەتسىز ئاياغلاشقاندىن كېيىن، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا ھېچقانداق بىر ئۇچرىشىش بولۇپ باقمىغان ئىدى. نەتىجىدە، دۈشەنبە كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىراننىڭ ئۇران قويۇقلاشتۇرۇش ھەرىكىتى ھەققىدىكى گۇماننى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىراندىن نېفىت ئېلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەخمەدى نىجات سۆزىدە بۇ ھەقتە توختىلىپ، سۆھبەتنىڭ كېسىلىشىگە غەرب سەۋەبچى دەپ كۆرسەتكەن ۋە غەرب دۆلەتلىرىنى ئىرانغا جازا تەدبىرى قويۇش ئارقىلىق ئارىدا چۈشىنىش ھاسىل قىلىشقا توسالغۇ پەيدا قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىراندىن داۋاملىق نېفىت ئېلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، رۇسىيە ۋە خىتايغا ئوخشاش دۆلەتلەر بايانات ئېلان قىلىپ، قارارنى قارشى ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بۈگۈن خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى سۆزىدە ياۋروپانىڭ بۇ ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئىككى تەرەپ سۆھبەت ئارقىلىق رايوننىڭ تىنچلىقىغا پايدىلىق بىر يول تېپىپ چىقىشى كېرەك» دەپ كۆرسەتتى.

ئىران پارلامېنت باشلىقى ئېلى لارىجانى بولسا جازا تەدبىرلىرىنىڭ ئىرانغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقىنى، ئەكسىچە ئىراننىڭ يېزا ئىگىلىك ۋە ئىشلەپچىقىرىش ساھەلىرىدە توغرا پىلانلارنى يولغا قويۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت