شىنخۇا تورىدا بۇ ھەقتە بېرىلگەن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇر رايونى مىقياسىدا تىزىمغا ئېلىنغان ئەيدىز يۇقۇمدارلىرىنىڭ سانى 32مىڭ 532 گە يەتكەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى تىزىمغا ئېلىنغان يۇقۇمدارلار سانى بويىچە خىتايدا 5- ئورۇنغا، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ يۇقۇملىنىش نىسبىتى بويىچە 2- ئورۇنغا ئۆتكەن.
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە يەنە، ئۇيغۇر ئېلىدە ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئومۇمىي سانى 60 مىڭدىن ئارتۇق دەپ پەرەز قىلىنىۋاتقان بولۇپ، يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئۇيغۇر ئېلىدىكى 14 ۋىلايەت، شەھەر - ئوبلاستتىكى 94 ناھىيە، يېزا - بازارلاردا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت ئىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە غۇلجا، ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر ۋە تۇرپاندا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، ئومۇمىي يۇقۇملانغۇچىلار سانىنىڭ 88 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئەيدىز ئاساسەن ئورتاق ئوكۇل يىڭنىسى ئىشلىتىش ۋە جىنسىي ئالاقىدىن ئىبارەت ئىككى خىل يول ئارقىلىق تارقالماقتا. ئەمما، كېيىنكى يىلدا جىنسى يول ئارقىلىق تارقىلىش نىسبىتى ئىلگىرىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى 32. 4 پىرسەنتتىن بىراقلا 43. 6 پىرسەنتكە ئۆرلەپ كەتكەن.