" بېيجىڭ دائىرىلىرى ئەيدىز مەسىلىسىگە سىياسەتنى ئارىلاشتۇرۇۋالدى "

بۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلغان خىتاينىڭ " 2-نۆۋەتلىك ئەيدىز مۇھاكىمە يىغىنى" غا، 17 يىلدىن بېرى ئەيدىز تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلات"- ئەي جىشېڭ تەتقىقات ئورنى ‏" تەكلىپ قىلىنمىغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2010-12-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەزكۇر تەتقىقات ئورنى يىغىن ئېچىلىشتىن خېلى بۇرۇنلا يىغىن تەشكىللىگۈچىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش ئارزۇسىنى ۋە ھازىرلىغان دوكلاتىنى مەلۇم قىلغان؛ بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە، نۆۋەتتە جازا مۇددىتىنى ئۆتەۋاتقان ئەيدىز پائالىيەتچىسى تيەن شىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى يىغىنغا قاتناشتۇرۇش ھەققىدە تەكلىپ سۇنغان. ئەمما، يىغىنغا تيەن شىنىڭ ئاتا-ئانىسىمۇ تەكلىپ قىلىنمىغان. مەزكۇر تەتقىقات ئورنىنىڭ مەسئۇلى لى شيۇڭبىڭ، بۈگۈن بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رادىئومىزدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يىغىنغا قاتناشقۇچىلارغا سىياسىي لاياقەت ئۆلچىمى قويغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇلارنى ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىشىغىمۇ سىياسەتنى ئارىلاشتۇرۇۋالدى دەپ ئەيىبلىدى.

مەزكۇر يىغىن خىتاينىڭ سەھىيە تارماقلىرى بىلەن ب د ت نىڭ ئەيدىز خىزمىتىگە گە ئالاقىدار گۇرۇپپىسىنىڭ ھەمكارلىقىدا ئېچىلغان. ئەي جىشېڭ تەتقىقات ئورنى مەزكۇر يىغىنغا سىياسىي قولنىڭ ئارىلىشىشىغا ب د ت مەسئۇل گۇرۇپپىسىنىڭ سۈكۈت قىلغانلىقىنى، بۇ خىل سۈكۈت قىلىش پوزىتسىيىسىنى بۇندىن بۇرۇن ئەيدىز پائالىيەتچىلىرى ھەقسىز ھالدا تۇتقۇن قىلىنغان ۋە جازالانغان چاغدىمۇ سادىر قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ خىل پاسسىپ پوزىتسىيىسىنى مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ ئەسلىدىكى خىزمەت غايىسى ۋە پرىنسىپىغا خىلاپ دەپ ئەيىبلىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت