فىلىپپىن سكاربورگ ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە خىتاينى ب د ت غا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روسارىئو مانىلا ھۆكۈمىتىنىڭ، سكاربورگ (خىتايچە خۇاڭيەن) ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە خىتاينى ب د ت نىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا ئەرز قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013-01-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى روسارىئو 22-يانۋار سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ فىلىپپىندىكى باش ئەلچىسى ما كېلياۋ بىلەن كۆرۈشۈپ مانىلانىڭ قارارىنى خىتايغا ئۇقتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ما كېلياۋمۇ فىلىپپىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئىپادىلەپ، خىتاينىڭ جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە ئاراللار ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە قارىتا ئىگىدارچىلىق ھوقۇقى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.

نۆۋەتتە، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللار ۋە ئاراللار ئەتراپىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە بولغان ئىگىلىك ھوقۇقى مەسىلىسىدە خىتاي بىلەن ئەتراپىدىكى قوشنا دۆلەتلەردىن فىلىپپىن، ۋيېتنام، مالايشىيا قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تالاش-تارتىشى داۋاملاشماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت