فىلىپپىندە خوڭكوڭلۇق ساياھەتچىلەرنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق ساقچىنىڭ جەسىتىگە فىلىپپىن دۆلەت بايرىقى يېپىلغان

مەلۇم بولۇشىچە، فىلىپپىندا خوڭكوڭلۇق ساياھەتچىلەرنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىش ۋەقەسىگە چېتىشلىق سابىق ساقچىنىڭ جەسىتىگە دۆلەت بايرىقى يېپىلغان. بۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغىغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-08-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەزكۇر سابىق ساقچى رولاندو مېندوزا ئۆتكەن دۈشەنبە فىلىپپىنگە ساياھەتكە كەلگەن بىر قىسىم خوڭكوڭلۇق ساياھەتچىلەرنى گۆرۈگە ئېلىۋېلىپ 8 نەپىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە كېيىن ئۆزىمۇ ساقچى مەرگەنلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، فىلىپپىندە چىقىدىغان تېلېۋىزىيە خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مېندوزانىڭ جەسەت ساندۇقى ئۈستىگە فىلىپپىن دۆلەت بايرىقى يېپىلغان. خىتاي دائىرىلىرى بۇنىڭغا قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرگەن. نەتىجىدە مېندوزانىڭ جەسەت ساندۇقىغا يېپىلغان فىلىپپىن دۆلەت بايرىقى ئېلىۋېتىلگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، مېندوزا ساقچى بولغان دەۋرلەردە نەچچە قېتىم مېدال ئالغان ئىلغار ساقچى ئىكەن. فىلىپپىن دۆلەتلىك ساقچى ئىدارىسى مېندوزانىڭ جەسىتىگە دۆلەت بايرىقى يېپىش بۇيرۇقىنى بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

مېندوزانىڭ جەسىتى ئۇنىڭ يۇرتى باتاڭاسدا ئۇزىتىلغان بولۇپ، بايراق شۇ يەردە يېپىلغان ئىكەن.

تولۇق بەت