فرانسىيە بۈگۈن كامبودژانى ئاگاھلاندۇردى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بېرنارد ۋالېرو بۈگۈن كامبودژاغا ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، خىتايدىكى «بوشىلەي دېلوسى» دا نامى تىلغا ئېلىنغان فرانسىيىلىك بىناكار پاترىك دېۋىللېر، قانۇنلۇق پاكىت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا قولغا ئېلىنماسلىقى كېرەك دەپ جاكارلىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012-06-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


فرانسىيىنىڭ كامبودژادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى تۈنۈگۈن، كامبودژا دائىرىلىرى فرانسىيىلىك بىناكار دېۋىللېرنى قولغا ئالدى دەپ بايان قىلغان، كامبودژا ساقچىلىرىمۇ بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىپ، بۇ فرانسىيە پۇقراسى بېيجىڭنىڭ ھەمكارلىقى بىلەن ۋە خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىش تەلىپىگە ئاساسەن قولغا ئېلىندى دەپ بايان قىلغان ئىدى.

كامبودژا 2009 - يىلى خىتاينىڭ بىر مىليارد ئىككى يۈز مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق ياردىمىگە ئىگە بولۇش ئۈچۈن، كامبودژاغا قانۇنلۇق كەلگەن 20 نەپەر ئۇيغۇرنى قولغا ئېلىپ خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، خەلقئارادا قاتتىق ئەيىبلەنگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت