چېڭدۇدا فرانسىيىنىڭ Carrefour سودا بازىرىغا بومبا قويۇلغان

رادىئومىز خەۋىرى، بۈگۈن يەنى سەيشەنبە كۈنى كەچتە، سىچۈەن ئۆلكىسىنىڭ چېڭدۇ شەھىرىدىكى فرانسىيە شىركىتىگە ئائىت Carrefour سودا بازىرىغا نامەلۇم كىشى ياكى كىشىلەر تەرىپىدىن بومبا قويۇلغان. بومبا پارتلاش ئالدىدا بايقىلىپ، ساقچىلار تەرىپىدىن ۋەقەنىڭ ئالدى ئېلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-04-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ساقچىلار ۋەقە گۇماندارى دەپ قارالغان بىر كىشىنى تۇتقان؛ ئەمما گۇماندارنىڭ كىملىكى، چېتىشلىق كىشىلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىشنى رەت قىلغان.

ۋەقە چېڭدۇ شەھىرىدىكى Shuangqiao يەنى قوش كۆۋرۈك دېگەن جايدا يۈز بەرگەن. نۆۋەتتە مەزكۇر سودا بازىرى ۋە ئەتراپتىكى كوچىلار ساقچىلار تەرىپىدىن قامال قىلىنغان. ۋەقە ئەتراپتىكى ئاھالىلەردە قاتتىق ئەنسىزچىلىك پەيدا قىلغان.

2008 ‏ - يىلىدىكى ئولىمپىك ھارپىسىدا خىتاي بىلەن فرانسىيە ئارىسىدا تىبەت مەسىلىسى توغرىلىق ئىختىلاپ يۈز بەرگەن. ئەنە شۇ چاغدا خىتايدىكى بىر تۈركۈم كىشىلەر فرانسىيىنىڭ Carrefour شىركىتىنى جازالاش ھەققىدە ئاممىۋى ھەرىكەت باشلىغان ئىدى، ھەتتا مەزكۇر شىركەتنىڭ بەزى شەھەرلەردىكى سودا بازارلىرى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئىدى.

بۇ قېتىمقى ۋەقەنىڭ ئەنە شۇ ئولىمپىك مەزگىلىدىكى خاپىلىقنىڭ داۋامى ۋە ياكى شىركەتلەر ئارا رىقابەتتىن كېلىپ چىققان تەھدىت خاراكتېرلىك ھۇجۇم ئىكەنلىكى ھازىرچە ئېنىقسىز ھالەتتە تۇرماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت