گۇاڭدۇڭنىڭ پارتكوم سېكرېتارى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ بەخت-سائادەت قارىشىنى تەنقىد قىلدى

خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ ياڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۆلكىلىك پارتىيە قۇرۇلتىيىدا قىلغان سۆزىدە «بىز ئالدى بىلەن، خەلققە بەخت-سائادەتنى كومپارتىيە ئاتا قىلىدۇ، دەيدىغان خاتا چۈشەنچىدىن قۇتۇلۇشىمىز لازىم» دېگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-05-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇ سۆزىدە، پارتىيە خەلقنىڭ ئىجادكارلىقى ۋە تەشەببۇسكارلىقىغا ھۆرمەت قىلىپ خەلقنىڭ ئۆز ئالدىغا بەخت-سائادەت يولىنى تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك» دېگەن. ۋاڭ ياڭنىڭ بۇ سۆزلىرى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدىن كېيىن شەكىللەنگۈسى يېڭى رەھبەرلىك قاتلىمى ۋە يېڭى يۈزلىنىشى ھەققىدە ئىشارەت دەپ قارالماقتا.

رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى بىر خەۋەر ئانالىزىدا ۋاڭ ياڭ خىتاي مەركىزى كومىتېت سىياسىي بيۇرۇسىدا، بو شىلەيگە مۆلچەرلەنگەن ئورۇننى تولۇقلىغۇچى كىشى دەپ تونۇشتۇرۇلغان.

ئانالىزدا، ۋاڭ ياڭ «ئىككىنچى ۋېن جياباۋ» دەپ تىلغا ئېلىنغان ۋە ئۇنىڭ سىياسىي بيۇرۇدا ئىسلاھاتچى قاناتنىڭ بايراقدارى بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ۋاڭ ياڭ، يېقىندا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ ۋۇكەن كەنتىدە يۈز بەرگەن ئاممىۋى قارشىلىق ھەرىكىتىنى سىلىق بىر تەرەپ قىلالىغىنى يەنى ۋۇكەن كەنتىدە دېموكراتىك سايلامنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشىگە زېمىن ھازىرلاپ بەرگىنى ئۈچۈن خىتايدىكى ئىسلاھات تەرەپدارلىرىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ۋاڭ ياڭ 2009-يىلى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغاندىمۇ، مىللىي مەسىلىلەرنى قاتتىق قول بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ۋاقتى ئۆتكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت