بىر قىسىم داڭلىق خىتاي پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇر ژۇرنالىست غەيرەت نىيازنىڭ 15 يىللىق كېسىلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىمزا توپلاشقا باشلىغان

بىر قىسىم داڭلىق خىتاي پائالىيەتچىلەر ئۇيغۇر ژۇرنالىست غەيرەت نىيازنىڭ 15 يىللىق كېسىلگەنلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ۋە ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئىمزا توپلاشقا باشلىغان. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، مەزكۇر ئىمزا توپلاش پائالىيىتى خىتاي ئىچىدە ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، خەتكە نۆۋەتتە 23 نەپەر خىتاي زىيالىيسى ئىمزا قويغان. خەت خىتايدىن خوڭكوڭغا ئېلخەت ئارقىلىق يوللانغان ۋە جۈمە كۈنى خوڭكوڭدا ئېلان قىلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-07-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
خەت خوڭكوڭدىكى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان. غەيرەت نىياز " 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى" ھەققىدە غەرب مەتبۇ’ئاتلىرىغا پىكىر بايان قىلغان ئىدى. خەتكە خىتايدىكى داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى تېڭ بياۋ ۋە خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ سابىق قانۇن تەتقىقاتچىسى فەن يافېڭ قاتارلىقلار ئىمزا قويغان. خەت جۈمە كۈنى "ئۇيغۇربىز" تورىدىمۇ ئېلان قىلىنغان ئىدى. تېڭ بياۋ ۋە فەن يافېڭلار بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا مەزكۇر خەتكە ئىمزا قويغانلىقىنى دەلىللىگەن. ئۆتكەن ھەپتە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ غەيرەت نىيازغا 15 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت