گۇئاڭخۇي گۇرۇھى "ئىستېمالچىلار سەھەر گېزىتى" دىن ئۆچ ئالدى

بەش كۈندىن بۇيان گۇئاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ بىۋاستە توسقۇنلۇقى بىلەن ئۈرۈمچىدە چىقىدىغان " ئاستانە ئىستېمالچىلار سەھەر گېزىتى" نىڭ 73 ئاھالىلەر رايونىدا نورمال تارقىتىلىشى توختىتىلغان بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن 14 مىڭدىن ئارتۇق قانۇنىي ھەق ھوقۇقى دەخلى تەرۈزغا ئۇچرىغان مۇشتەرىلەر ئارىسىدا زور نارازىلىق ھەم غۇلغۇلا قوزغالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﮔﯜﻟﭽﯧﻬﺮﻩ
2009-04-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاينىڭ بەزى خەۋەر تورلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، گۇئاڭخۇي گۇرۇھى باشقۇرۇشىدىكى بارلىق ئاھالىلىكلەر رايونلىرى 15 - ئاپرىل كۈنى، سەھەردە گۇئاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ" ئىستېمالچىلار سەھەر گېزىتى" نىڭ مەزكۇر رايونلاردا تارقىتىلىشى چەكلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، مەزكۇر گېزىتنىڭ تارقىتىلىشى 16 - ئاپرىل سەھەردىن باشلاپ توختىتىلغان.

ئۇقتۇرۇشتا، گۇئاڭخۇي گۇرۇھى "ئاستانە ئىستېمالچىلار سەھەر گېزىتى" دە، پارتىيىنىڭ فاڭجېن سىياسەتلىرىگە ماس كەلمەيدىغان، بىدئەت دىنىي تەشۋىقاتلارنى بايقىغانلىقى ئۈچۈن، مەزكۇر گېزىتنىڭ سىياسىي تۈزىتىش ئېلىپ بېرىشتىن ئىلگىرى تارقىتىلىشى چەكلىنىدىغانلىقى يېزىلغان ئىكەن.

ئەمەلىيەتتە مەزكۇر گېزىتتە قانۇنغا خىلاپ ياكى ئاتالمىش ئەكسىل ۋە ياكى بىدئەت دىنىي تەشۋىقاتلار بېسىلىپ باقمىغان بولۇپ، خىتاي خەۋەر تورىدا بېرىلگەن خەۋەردە دېيىلىشىچە بۇ پەقەت گۇئاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ ئۆز ئىقتىسادىي كۈچىدىن پايدىلىنىپ، "ئاستانە ئىستېمالچىلار گېزىتى" گە قاراتقان ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتى ئىكەن، بۇنىڭدىن ئىككى ھەپتە ئىلگىرى يەنى مەزكۇر گېزىتنىڭ 4 - ئاپرىل سانىدا شىنجاڭ گۇئاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ ئىستېمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە دەخلى قىلغانلىقىغا ئائىت بىر خەۋەر ئېلان قىلىنغان ئىكەن.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ ئىچى تېشىدىكى چوڭ - كىچىك مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشكەن ئەڭ زور ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە گۇئاڭخۇي گۇرۇھىنىڭ ئىستېمالچىلار سەھەر گېزىتىنىڭ تارقىلىشىنى توسقانلىقى، خىتايدا كاپىتال ئىگىلىرىنىڭ مەتبۇئاتنى بوغۇشىدىكى بىر تىپىك مىسال سۈپىتىدە كەڭ تۈردە ئېلان قىلىنىپ، "بۇ ئىستېمالچىلار مەنپەئەتىگە، ئاخبارات ئەركىنلىكى، مەتبەئە ئەركىنلىكى، خەلقنىڭ ئۇچۇر ئىگىلەش ئەركىنلىكى قاتارلىقلارغا قىلىنغان ھەددىدىن ئاشقان تاجاۋۇزچىلىق،" دەپ قاتتىق تەنقىد قىلىنماقتا.

گۇئاڭخۇي گۇرۇھى نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئومۇمىي ئىقتىسادىنىڭ 34% تىنى تەشكىل قىلىدىغان كاپىتالغا ئىگە غايەت زور ئىقتىسادىي گۇرۇھ بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەر بۇ گۇرۇھنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ۋاڭلېچۈئەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار بىلەن مەتپەئەتدارلىقى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويماقتا.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت