پالاۋ پرېزىدېنتى گۇئانتانامودىن قويۇۋېتىلگەن ئۇيغۇرلارنى ئۆزى كۈتۈۋالدى

گۇئانتانامودا تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ 6 نەپىرى مۇناسىۋەتلىك خادىملار بىلەن بىرلىكتە يەكشەنبە كۈنى تىنچ ئوكياندىكى پالاۋ دۆلىتىنىڭ مەركىزى شەھىرى كورورغا يېتىپ كېلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009-11-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﭘﺎﻻﯞ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺟﻮﻧﺴﻮﻥ ﺗﻮﺭﯨﺒﯩﺌﻮﯓ ﺋﺎﻳﺮﻭﺩﺭﻭﻣﻐﺎ ﺋﯚﺯﻯ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﻰ ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﺋﻪﻻﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﺪﻩ، 6 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﭘﺎﻻﯞ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺟﻮﻧﺴﻮﻥ ﺗﻮﺭﯨﺒﯩﺌﻮﯓ ﺋﺎﻳﺮﻭﺩﺭﻭﻣﻐﺎ ﺋﯚﺯﻯ ﭼﯩﻘﯩﭗ، ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﻰ ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ﺋﻪﻻﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﺪﻩ، 6 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜﯞﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ.
www.oceaniatv.net ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ. ﺳﯜﺭﻩﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻫﻮﻗﯘﻗﻰ Roll'em Productions ﻧﯩﯔ.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پالاۋ دۆلىتىنىڭ پرېزىدېنتى جونسون تورىبىئوڭ ئايرودرومغا چىقىپ، مەزكۇر ئۇيغۇرلارنى كۈتۈۋالغان شۇنىڭدەك ئۇلار شەھەر مەركىزىدىكى چوڭ بىر ئۆيگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پالاۋ پرېزىدېنتى جونسون تورىبىئوڭ مۇخبىرغا بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ "ناھايىتى خۇشال ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە رەھمەت ئېيتقانلىقى ھەمدە ئۆزىنى قېرىنداش دەپ ئاتىغانلىقى، بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ ناھايىتى ھاياجانلانغانلىقىنى،" سۆزلەپ بەرگەن.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى رادىئومىز مۇخبىرى مەزكۇر ئالتە ئۇيغۇرنىڭ پالاۋغا يولغا سېلىنغانلىقى ھەمدە ئۇلارنىڭ تىزىملىكى ھەققىدە خەۋەر بەرگەن ئىدى. خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر ئۇيغۇرلار كېلىشتىن ئىلگىرى پالاۋ ھۆكۈمىتى ساقچىلارنى ئاجرىتىپ، ئۇلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا ئورۇنلاشتۇرغان. ئۇلارنىڭ تۇرالغۇ جايى مەسچىتكىمۇ ناھايىتى يېقىن ئىكەن.

پالاۋ پرېزىدېنتى بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ دوختۇرغا كۆرۈنۈش، تۇرالغۇ جاي، مائارىپ تەربىيىسى ۋە باشقا جەھەتلەردىن ياردەمگە ئېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پالاۋ دۆلىتىنىڭ نوپۇسى 20 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 500 ئەتراپىدا مۇسۇلمان بار ئىكەن. ئۇلار ئاساسلىقى بېنگال قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئىكەن.

پالاۋ ئارال دۆلىتى بولۇپ، ئۇنىڭ خىتاي بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى يوق، ئەكسىچە تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلمەكتە. بۇ يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تۆت نەپەر ئۇيغۇرنى ئاتلانتىك ئوكياندىكى بېرمۇداغا ئورۇنلاشتۇرغان ئىدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئادۋوكاتى، "ئامېرىكا بۇ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇقىم ئولتۇراقلىشىدىغان جاي تاپقۇچە ئۇلارنىڭ پالاۋدا تۇرۇپ تۇرىدىغانلىقى"نى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (14)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﯪﻟﻼﻫﻘﺎ ﻳﯜﺯﻣﯩﯖﻼﺭﭼﻪ ﺷﯜﻛﺮﻯ.............ﯪﻟﻼﻫ ﯬﺯﯨﺰ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ !ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ (ﯞﻩﺗﻪﻥ)ﯻﯖﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯘﯕﻼﺭﻏﺎ ﺑﻪﺧﯩﺖ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﯩﺰ !

Nov 03, 2009 06:44 PM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﯪﻟﻼﻫ ﯬﺯﯨﺰ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ...... ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺋﺸﻠﯩﺮﯨﯖﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﺎﺧﺸﻰ ﺑﯘﻟﯘﺷﻨﻰ ﯪﻟﻼﻫ ﺩﯨﻦ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ.... ﻣﺎﺷﺎﻟﻼﻫ ﯬﻟﻰ ﯪﻛﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﭘﺴﻪﻥ. ﯪﻟﻼﻫ ﻫﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﺴﻪﻟﻠﻠﺮﯨﺮﮔﻪ ﺷﯩﭙﺘﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﺳﯘﻥ......

Nov 03, 2009 01:30 AM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﯪﻟﻼﻫ ﯬﺯﯨﺰ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ﻗﯩﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻼﺭ...... ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺋﺸﻠﯩﺮﯨﯖﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﺎﺧﺸﻰ ﺑﯘﻟﯘﺷﻨﻰ ﯪﻟﻼﻫ ﺩﯨﻦ ﺗﯩﻠﻪﻳﻤﻪﻥ....

Nov 03, 2009 01:24 AM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺑﻪﻙ ﺧﻮﺵ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ،ﯪﻟﻼﻫ ﯰﻻﺭﻏﺎ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﯪﺗﺎ ﻗﯩﻠﺴﯘﻥ ،ﯲﺯ ﻳﻮﺭﺗﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﻪﻳﯩﺘﺘﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺧﻮﺷﺎﻝ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ. ﯰﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﯕﮕﯘ ﻳﺎﺷﯩﺴﯘﻥ.

Nov 02, 2009 09:42 PM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

Palaw hokumeti we helqi Uyghur millitining eng yeqin dosti hokumet we heliqtur, Uyghur millitining Palaw hokumetige helqige we reisi jumhurige rehemt qerzi bar, buni Uyghur milliti bir kuni choqum toleydu.

Nov 02, 2009 12:01 PM

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

تولۇق بەت