ياۋروپا دۆلەتلىرى گۇەنتانامودىكى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلمايدىغان كىشىلەرنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكىنىڭ باش تەپتىشى بۈگۈن ياۋروپاغا كېلىپ، گۇەنتانامودا ئاللىقاچان ئەركىنلىككە چىققانلارنىڭ بىر قىسمىنى ياۋروپا بىرلىكىدىكى دۆلەتلەرنىڭ قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-04-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا باش تەپتىشى ئېرك خولدېر بۈگۈن لوندون ۋە پراگنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىنلا گېرمانىيىگە يېتىپ كېلىپ، گۇنتانامونى تاقاش ئۈچۈن، ياۋروپا بىرلىكىدىكى دۆلەتلەر بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالاشنى تەلەپ قىلدى.

ھازىر ياۋروپا بىرلىكىدىكى 27 ئەزا دۆلەتنىڭ نۆۋەتچى رەئىسلىكىنى ئۆتەۋاتقان چېخنىڭ ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئىۋان لانگېر بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرىغا 'ياۋروپا دۆلەتلىرى گۇەنتانامودا تۇرۇۋاتقان ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلمايدىغان كىشىلەرنى قوبۇل قىلىشنى خالايدۇ' دەپ جاكارلىدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھازىر پورتۇگالىيە، لېتۋالارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر نەچچە ياۋروپا دۆلىتى، گۇەنتانامودىكى ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلمايدىغان كىشىلەرنى قوبۇل قىلىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ. ھازىر ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ كۇبادىكى گۇەنتانامو تۈرمىسىدە يەنە 240 ئادەم بار، ئۇنىڭ 60 نەپىرى، ئۆز دۆلىتىدە نامۇۋاپىق مۇئامىلىگە ئۇچراپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۆز دۆلىتىگە قايتۇرۇلمايدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت