گۇگۇل شىركىتى خىتاينىڭ 'نەزەربەنت قىلىشى'غا خاتىمە بەرمەكچى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئىنتېرنېتتە ئىزدەش ماتورى ئەڭ كۈچلۈك شىركەتلەرنىڭ بىرى بولغان گۇگۇل شىركىتى ئەمدى، خىتاينىڭ 'نەزەربەنت قىلىشى'غا خاتىمە بەرمەكچى. شۇنداقلا، بۇ شىركەت ئۆزىنىڭ ئىزدەش ماتورىنى قوللىنىدىغان باشقا دۆلەتتىكى كىشىلەرنى خىتاينىڭ خەككېر ھۇجۇمىدىن ساقلاش ئۈچۈن، ھەتتا خىتايدىن پۈتۈنلەي چىقىپ كېتىشى مۇمكىن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-01-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئىنتېرنېتتە ئەركىن پىكىر بايان قىلىشنى 'دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىق' دەپ قارايدىغان خىتاي دائىرىلىرى ھازىر، گۇگۇلنىڭ ئىقتىدارىنى خىتايدىلا ئەمەس، ئىراندىمۇ كۆردى. شۇڭلاشقا خىتاي ھازىر گۇگۇلنى رىقابەت ھېسابلاپ، ئۇنى 'نەزەربەنت ئاستىغا ئېلىش'قا ئۇرۇنغان ئىدى، ئەمما، گۇگۇل شىركىتى ئۆزىنىڭ 'جىنايەتكە يانتاياق بولماسلىق' دېگەن شۇئارىدىن چېكىنمىدى.

تور ئەھلىنىڭ قارىشىچە، گۇگۇل خىتايدىن چىقىپ كەتسە، ئۇنىڭ ئىنگلىزچە ئىزدەش ماتورى بىلەن خىتايچە ئۇچۇرلارنى تېپىشقا تەسىر يەتمەيدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت