دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى خىتاي ھۆكۈمىتىنى گۇما ۋەقەسىنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلاش بىلەن ئەيىبلىدى

بۈگۈن رادىئومىز گۇما مۇكۇيلا ۋەقەسى ھەققىدە ئىلگىرىلەپ ئىگىلىگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلاردا ئۆلگەن 7 كىشىنىڭ ئىككىسىنىڭ ئايال كىشى ئىكەنلىكى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011-12-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يەرلىك يېزا باشلىقى 5 بالىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما تۇتۇلغان چوڭلارنىڭ بار-يوقلۇقى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىدى. ھازىرغىچە ئىگەللەنگەن ئۇچۇرلاردىن بۇلارنىڭ بىر ياكى بىر قانچە ئائىلە كىشىلىرى ئىكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇكۇيلا ۋەقەسىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى ئىلگىرى سۈرگەندىن تامامەن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى بۇرمىلاپ، ئاددىي پۇقرالارنى باستۇرۇش قىلمىشىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي دائىرىلىرى 28- چېسلا ۋەقە ھەققىدە ئېلان قىلغان تۇنجى خەۋىرىدە «گۇما ساقچى دائىرىلىرى 7 تېررورچىنى ئېتىپ تاشلاپ، ئۇلار گۆرۈگە ئېلىۋالغان ئىككى كىشىنى قۇتقۇزۇۋالدى» دېگەن ئىدى. ئەمما بۈگۈن خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»  ۋەقە ھەققىدە ئىلگىرىلەپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە گۆرۈگە ئېلىنغان ئىككى كىشىنىڭ « تېررورچىلار» نىڭ قولىدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، ئەھۋالنى مەلۇم قىلغاندىن كېيىن قوراللىق كۈچلەرنىڭ نەق مەيدانغا بارغانلىقى، قارشى تەرەپنىڭ ئادەم سانى كۆپ بولغانلىقتىن ئۇلارنى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ چەتئەلگە جىھات قىلىشقا ماڭغان  كىشىلەر ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت، بۇ ئىككى خەۋەرنىڭ بىر-بىرى بىلەن زىتلىقىنى ئەسكەرتىپ، خىتاي دائىرىلىرى ئاشكارىلى غان ئۇچۇرلاردا ساختىلىق بارلىقىنى بىلدۈردى ۋە خەلقئارانى بۇ نۇقتىغا دىققەت قىلىشقا چاقىردى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت