ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ باردى

ئامېرىكا بىلەن جەنۇبىي كورىيىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى چارشەنبە كۈنى ئاخىرلىشىپ ئىككى كۈندىن كېيىن، ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە تارىختىكى ئەڭ زور كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىرىنى ئېلىپ باردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-12-03
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

جۈمە كۈنى باشلانغان ئامېرىكا-ياپونىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا ئىككى تەرەپتىن 44 مىڭ ئەسكەر قاتناشقان. مانېۋىرغا ئامېرىكىنىڭ "جورج ۋاشىنگتون" ناملىق ئاۋىئاماتكا پلوتىنىڭ ئىشتىراك قىلغانلىقى، ياپونىيە تەرەپتىن 34 مىڭ ئەسكەر قاتناشقانلىقى، ئامېرىكىنىڭ 10 مىڭدىن ئارتۇق ئەسكەر چىقارغانلىقى خەۋەر قىلىندى. "ئۆتكۈر شەمشەر"ناملىق مەزكۇر مانېۋىرى ئىككى تەرەپ 40 دانە ئۇرۇش پاراخوتى ۋە 250 دانە ئۇرۇش ئايروپىلانىنى سەپەرۋەر قىلغان بولۇپ، مانېۋىرنىڭ 10 ‏- دېكابىرغا قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. مەزكۇر مانېۋىر ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ يېقىندا يۈز بەرگەن شىمالىي كورىيىنىڭ جەنۇبىي كورىيىنى توپقا تۇتۇش ۋەقەسىگە قايتۇرغان ئىنكاسنىڭ بىر قىسىمى. بۇنىڭدىن بۇرۇن ئامېرىكا جەنۇبىي كورىيە بىلەن سېرىق دېڭىزدا ھەربىي مانېۋىر ئېلىپ بېرىپ، پيوڭياڭنى ئاگاھلاندۇرغان شۇنداقلا خىتايدىن شىمالىي كورىيىنى تىزگىنلەشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

سېنكاكۇ تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان مانېۋىر ناھايىتى تېزلا خىتاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈي جۈمە كۈنى خىتاي تەرەپنىڭ پوزىتسىيىسىنى ئىزاھلاپ، " نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ، رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا قارشى ئىشلارنى قىلماي، ئۇنىڭغا پايدىلىق ئىشلارنى قىلىشى كېرەكلىكى"نى تەكىتلىگەن. شىمالىي كورىيىنىڭ جەنۇبىي كورىيىنى توپقا تۇتۇش ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى پيوڭياڭنى تەنقىد قىلىشنى ئىزچىل رەت قىلىپ، تەرەپلەرنى ئۆزىنى بېسىۋېلىشقا چاقىرىپ كەلگەن. ياپونىيە دۆلەت ئارمىيىسىنىڭ شتاب باشلىقى رىيوچى ئورىكى "ياپونىيە-ئامېرىكا ھەمكارلىقى شۇنداقلا جەنۇبىي كورىيە 3 تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ شەرقىي ئاسىيا تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاشتا ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيىتى بارلىقى"نى بىلدۈرگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت