ھىندىستان، پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كرىشنا شەنبە كۈنى، پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستان ھۆكۈمىتى ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى پاكىستاندا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯘﻣﻪ
2010-06-05
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل قىلىشىچە، ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كرىشنا ئەپەندى پاكىستاننىڭ تەكلىپىنى قوبۇل قىلىپ، كېلەر ئايدا ئىسلامئابادتا زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

2008 - يىلى ھىندىستاننىڭ بومباي شەھىرىدە يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنى پاكىستانغا جايلاشقان لەشكىرى تائىبە تەشكىلاتىنىڭ ئېلىپ بارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ھىندىستان دائىرىلىرى پاكىستاندىن بۇ ۋەقەگە ئالاقىدار شەخسلەرنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتە قىلىش تەلەپ قىلغان ئىدى.

بۇ ھەقتە توختالغان ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كرىشنا " ئىشلار بىز ئويلىغاندەك بولمىغان بولسىمۇ، بىز ۋاز كەچمىدۇق. بىز پاكىستان بىلەن ئالاقە باغلاشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرىمىز" دېدى.

پاكىستان 1947 - يىلى مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، ھىندىستان بىلەن 3 قېتىم ئۇرۇش قىلغان ئىدى. 
پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت