ھىلارىي كلىنتون خانىم ھىندىستاندا خەۋپسىزلىك مەسىلىسىدە سۆزلىشىدۇ

ھىندىستان تاشقى ئىشلار باياناتچىسى ۋىشنۇ پاراساك شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىمنىڭ كېلەر ھەپتە ھىندىستانغا كېلىدىغانلىقى ۋە ھىندىستان دائىرىلىرى بىلەن خەۋپسىزلىك مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-07-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ۋىشنۇ باياناتىدا بۇ نۆۋەتلىك ئۇچرىشىشتا يەنە ئىقتىساد، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە سودا قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭمۇ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.

ھىندىستان دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھىلارىي كلىنتون خانىم ئالدىمىزدىكى دۈشەنبە كۈنى ھىندىستان پايتەختى يېڭى دېھلىغا كېلىدىكەن.

ئوباما پرېزىدېنت بولغاندىن بۇيان ھىندىستاندا-ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدە ئىلگىرىلەش بولغان بولۇپ، ئوباما 2010-يىلى ھىندىستانغا بارغان ۋە ھىندىستاننىڭ دېموكراتىيىسىگە يۇقىرى باھا بەرگەن ئىدى.

بۇ يىل مارتتا ئىككى تەرەپنىڭ بىر قىسىم يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى كۆرۈشۈپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئاخبارات ئالماشتۇرۇش قاتارلىق تەرەپلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.

بۇ يىل مايدا يەنە ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرى جەنەت ناپولىتانومۇ ھىندىستاننى زىيارەت قىلغان ۋە خەۋپسىزلىك ساھەسىدە سۆھبەتلەشكەن ئىدى.

ئامېرىكا-ھىندىستان مۇناسىۋەتلىرىدىكى بۇ خىل ئىلگىرىلەش، ئامېرىكا-پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىدە يىرىكلىشىش كۆرۈلۈشكە باشلىغان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت