ھىندىستان ئامېرىكىدىن زەمبىرەك سېتىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

ھىندىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارى شەنبە كۈنى ھىندىستاننىڭ توپچى قىسىملىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكىدىن 560 مىليون دوللار قىممىتىدىكى ئىلغار زەمبىرەك سېتىۋالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-05-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى كېلىشىمنىڭ جۈمە كۈنى پۈتۈلگەنلىكىنى، كېلىشىم بويىچە ئامېرىكىنىڭ «ھۋوىتزېر» تىپلىق زەمبىرەكلىرىدىن 145 دانە سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«ھوۋىتزېر» تىپلىق زەمبىرەكلەرنىڭ ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش مۇساپىسى 30 كىلومېتىر بولۇپ، بۇ زەمبىرەكلەر ھىندىستاننىڭ چېگرا مۇداپىئە توپچى قىسىملىرىغا سەپلىنىدىكەن.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ھىندىستان دۆلەت مۇداپىئەسىنى كۆپىنچە ھاللاردا خىتاي ۋە پاكىستاننى نەزەردە تۇتۇپ كۈچەيتىدىكەن.

ھىندىستان 1947 - يىلىدىن بۇيان خىتاي بىلەن 3 قېتىم ئۇرۇش قىلغان ئىدى.

ھىندىستان بۇ يىل ھەربىي خام چوتىنى 30 مىليارد دوللارغا ئۆستۈرۈپ، ئىلغار سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە رېئاكتىپ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى سېتىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت