ھىدستان قىسىملىرى ماۋچىلار ئىگەللىۋالغان مەھەللىلەرنى قايتۇرۇۋلدى

ھىدستان قىسىملىرى ماۋچىلار ئىگەللىۋالغان مەھەللىلەرنى قايتۇرۇۋلدى ۋە ماۋچىلارنىڭ خىزمەت بىنالىرىنى ۋەيران قىلدى، بىر قىسىم كوممۇنىسلارنى ئۆلتۈردى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈن ھىندىستاننىڭ لالگار شەھىرىدىن خەۋەر قىلىشىچە، ماۋچىلار ھىنىدىستان قىسىملىرىغا قارشىلىق كۆرسۈتەلمىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-06-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ھىندىستاننىڭ غەربىي بېنگال شتاتىدىكى ساقچىلارنىڭ ئېيتىشىچە، ھىنىدستان قىسىملىرى بۇقېتىمقى ھەرىكەتتە، ماۋچىلار ئۆتكەن ھەپتىدە توپولاڭ كۆتۈرۈپ كالكوتتا شەھىرىنىڭ 155 كىلومېتىر غەربىي جەنۇپ تەرىپىدىكى رايونلاردا ئىگەللىۋالغان يۈزلىگەن مەھەللىنى قايتۇرۇۋېلىپ، يۈز بەرگۈسى قان تۆكۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئالدى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇيىلنىڭ بېشىدا، ھىنىدستان دائىرىلىرى ماۋچىلارنىڭ راكىتا، ۋە مىلتىق ئىشلەپچىقىرىدىغان مەخپى قورال زاۋۇتلىرىنى تېپىۋالغان ئىدى.

ھىنىدستان دائىرىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ھىنىدىستاندا ماۋچىلارنىڭ سانى 10 مىڭ ئەتراپىدا، ئەمما ئۇلارنىڭ قولىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق قورال بار. ئۇلار ماۋزېدوڭنىڭ رىغبەتلەندۈرۈشى بىلەن 1967‏ - يىلى غەربىي بېنگالدا كوممۇنىست پارتىيە قۇرغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇلانىڭ نامى 'ناشالبارى' دەپ ئاتالغان ئىدى.

دەسلەپتە ئۇلارنىڭ، دېھقانلارنى يەرگە ئىگە قىلىش ھەققىدىكى شۇئارى نامراتلارنىڭ قوللىشىغا ئىرىشكەن بولسىمۇ، ئۇلار ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن خەلقنى قاقتى - سوقتى قىلىشقا باشلىغاندىن كېيىن، بۇ پارتىيە ھىنىدستاندا خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كەتكەن ئىدى.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت