ھىندىستان بىخەتەرلىك خادىملىرى قوراللىق ماۋچىلار بىلەن جىددىي ئېتىشتى

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ يېڭى دېھلىدىن بايان قىلىشىچە، بۈگۈن ھىندىستاننىڭ چاخاتتىسگارخ شىتاتىنىڭ كانكار رايونىدا، ھىندىستان بىخەتەرلىك خادىملىرى، يېڭى دېھلىدىن مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى بىر ئورمانلىقتا تازىلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا، ماۋچىلار يۇشۇرىنىۋالغان ئىستىھكاملىرىدىن چىقىپ، ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمغا ئۆتۈپ جىددىي ئېتىشىش يۈز بەرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-08-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ۋەقەدە، ھىندىستان ساقچىلىرىدىن 2 سى، قوراللىق ماۋچىلاردىن3 ى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ھىندىستان بىخەتەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋىشۋارانجاننىڭ ئېيتىشىچە، خىتايدىكى ماۋزېدوڭ ھايات ۋاقتىدا ھىندىستاندا قۇرغان ماۋچىلار تەشكىلاتى 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، ھىندىستاندىكى 28 شىتاتنىڭ 20 سىدە ھەرىكەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ.

ئۇلار شەھەرلەردىن يىراق، دېھقانچىلىق ئۈنۈمى ياخشى بولمىغان جايلاردىكى ئىپتىدائى ئورمانلىقلارغا يوشۇرۇنغان، ئۇلارنىڭ سانى 10 مىڭدىن 20 مىڭغا قەدەر.

ئۇلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى ھىندىستان ساقچىلىرى، ھۆكۈمەت خادىملىرى ياكى شۇ جايدا ھۆكۈمەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلەر.

يېقىنقى يىللاردا ھىندىستاننىڭ ئىقتىسادىي كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىپ، ھازىر بۇخىل ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ كۆلىمى كېڭەيگەنسىرى، ماۋچىلارنىڭ ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇمى شۇنچە كۆپىيىۋاتىدۇ.

تولۇق بەت