موڭغۇل تەشكىلاتلىرى ئىچكى موڭغۇلدا تۇتقۇن قىلىشنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

موڭغۇل تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 30-مايدىن كېيىن خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئىچكى موڭغۇلغا يۆتكەپ كېلىنگەن خىتاينىڭ ھەربىي قوشۇنلىرى چېكىنىپ چىققان بولسىمۇ، ئەمما رايوندا موڭغۇللارغا نىسبەتەن كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى داۋاملاشماقتا ئىكەن.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011-06-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ ھەقتە توختالغان ئىچكى موڭغۇل خەلق پارتىيىسىنىڭ ياپونىيىدىكى باش كاتىپى كەرىئېد ئەپەندى مۇنداق دېدى: ئۇلار ھازىر جەنۇبىي موڭغۇلىيىدە ئۆتكەندە يۈز بەرگەن نامايىش قاتناشقۇچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىۋېتىپتۇ.

بىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ قېتىم موڭغۇللارنى تۇتقۇن قىلىشى ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ گۇمانلىق دەپ قارىغانلىقى موڭغۇللارنى تۇتۇپ ئاپىرىپ سوراق قىلىش تەرىقىسىدە ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ. مېنىڭچە بۇ قېتىمقى تۇتقۇن قىلىش ئۆتكەن ھەپتە تور بېكىتىگە قويۇلغان خىتاي قوراللىق ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئۆيمۇ-ئۆي ئاختۇرۇپ تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە ئوخشىسا كېرەك.

كەرىئېد ئەپەندى ئۆز بايانىدا يەنە، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ پەقەت جەنۇبىي موڭغولىيىدىلا ئەمەس بەلكى پۈتكۈل خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقان موڭغۇل ئوقۇغۇچىلارنى ھەم تور بېكەتلىرىدە موڭغۇللارنىڭ نامايىشى ھەققىدىكى خەۋەر ۋە رەسىملەرنى يوللىغان موڭغۇللارنى سۈرۈشتۈرۈپ، كىملىك بويىچە كەڭ-كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتى قوزغىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەركىزى نيۇ-يوركتىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىرغىچە خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك دەپ تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ كونكرېت سانىنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ پەرىزىچە، ۋەقەدىن كېيىن تۇتقۇن قىلىنغانلار ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 100دىن ئېشىپ كېتىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت