ئىچكى موڭغۇلدا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان موڭغۇل ئوقۇغۇچىلار نامايىش قىلدى

ئىچكى موڭغۇلنىڭ جېرىم ئايمىقىدا دارېلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان موڭغۇل ئوقۇغۇچىلار يېقىندا نامايىش قىلىپ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ «ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقى» غا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-07-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەركىزى ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىر توڭلياۋ دەپ ئاتىلىدىغان سابىق جېرىم ئايمىقىغا قاراشلىق ھەر قايسى ناھىيىلەردىن 400 دەك ئىش كۈتۈپ تۇرغان سابىق موڭغۇل دارىلمۇئەللىمىن ئوقۇغۇچىلىرى ئۆتكەن دۈشەنبە كۈنى ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلغان.

نامايىش بىر كۈن داۋام قىلغان ۋە بۇ جەرياندا نامايىشچىلار ھۆكۈمەت بىناسىغا كىرىپ، ھۆكۈمەت باشلىقى بىلەن كۆرۈشۈشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق ئامانلىق خادىملىرى تەرىپىدىن توسۇۋېلىنغان.

جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى، نامايىشچىلارنىڭ 1998‏-يىلدىن 2003‏-يىلغىچە دارېلمۇئەللىمىننى پۈتتۈرۈپ ئىش كۈتۈپ تۇرغان ياشلار ئىكەنلىكىنى، ھۆكۈمەت ۋە مەكتەپ ئىلگىرى ئۇلارنى ئوقۇش پۈتتۈرسە خىزمەت بېرىشكە ۋەدە قىلىپ قوبۇل قىلغانلىقىنى، بىراق دارېلمۇئەللىمىننى ئوقۇغان 2500 دەك ئوقۇغۇچىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىغا ھازىرغا قەدەر خىزمەت بېرىلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ ۋەقە ئىچكى موڭغۇلنىڭ شىلىڭغول ئايمىقىدا بۇ يىل 5‏-ئايدا پارتلىغان نەچچە مىڭ كىشىلىك نامايىش ۋە بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن بايرېنغول ئايمىقىدا يۈز بەرگەن مىڭ كىشىلىك موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ نامايىشىدىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن موڭغۇللارنىڭ يەنە بىر قېتىملىق نارازىلىق ھەرىكىتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت