ئىگەرچى پاجىئەسى غۇلجا شەھىرىدىمۇ يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرماقتا

خىتاينىڭ ئاقسۇ شەھەرلىك ھۆكۈمىتى بىرقانچە يىلنىڭ ئالدىدا شەھەرنى كېڭەيتىپ قۇرۇش پىلانى تۈزۈپ ئاقسۇنىڭ ئىگەرچى بازىرىدا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلەرنى ئۆيلىرىدىن كۆچۈشكە بۇيرۇغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-08-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دائىرىلەر ئاھالىلەرنى كۆچۈشكە بۇيرۇغاندا ئۇلارغا كۆپ مىقداردا تۆلەم بېرىدىغانلىقى، چېقىلغان ئۆيلىرىنىڭ ئورنىغا يېڭى زامانىۋى ئۆيلەرنى سېلىپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئەمما پىلاننى ئىجرا قىلىش داۋامىدا، ئاھالىلەرگە يېتەرلىك مىقداردا تۆلەم بەرمىگەن، ئاھالىلەر نارازى بولغاندا ئۆيلىرىنى مەجبۇرىي چېقىۋەتكەن.

دەل مۇشۇ ۋەقە سەۋەبىدىن ئىگەرچىدە ئاز دېگەندە 3 مىڭ ئائىلە ۋەيرانچىلىققا ئۇچراپ ئۆي- ماكانسىز قالغان. بۇ ئەھۋالغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئەرز قىلغان ئائىلىلەردىن يۈز نەچچىلىگەن كىشى نۆۋەتتە ئاقسۇدا قاماقتا ياتماقتا ۋە نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا داۋالاش نامى ئاستىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

خىتاينىڭ شىنجاڭ تىنچلىق تورىنىڭ بۈگۈنكى بىر خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، غۇلجا شەھىرىدىمۇ ئاقسۇ ئىگەرچىدىكى ئوخشاش بىر چوڭ پاجىئە يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرماقتا. چۈنكى ھۆكۈمەت غۇلجا شەھىرىنىڭ بايانداي بازىرى بىلەن يېڭى يەر يېزىسى ئوتتۇرىسىدا «يېڭى بازار» دەپ ئاتىلىدىغان يېڭى بىر ئالاھىدە رايون تەسىس قىلماقچى.

خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، شەھەرنىڭ قاتناش قىستاڭچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن مەزكۇر پىلان تۈزۈلگەن. خەۋەردە يەنە ھۆكۈمەتنىڭ ئۆيى چېقىلىدىغان بايانداي ۋە يېڭىيەر يېزىسىدىكى ئاھالىلەرنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى ۋە ئۇلارنى بىر يۈرۈش زامانىۋى ئۆي بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ خىل ۋەقە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ باشقا جايلىرىدىكى شەھەر قۇرۇلۇشى پىلانلىرى داۋامىدىمۇ بېرىلگەن؛ ئەمما نەق پەيتى كەلگەندە دائىرىلەر ۋەدىسىدىن يېنىۋالغان. دائىرىلەر ۋەدىسىدە تۇرۇپ زامانىۋى ئۆيلەرنى بەرگەن تەقدىردىمۇ، يەرلىك ئاھالىلەر خىتاي كۆچمەنلىرىگە ئوخشاش خىزمەت ئىمكانلىرىغا ئىگە بولمىغاچقا، زامانىۋى ئۆينىڭ سۇ، ئېلېكتر قاتارلىق چىقىملىرىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، بۇ ئۆيلەردە ئولتۇرۇشتىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر بولغان.

نۆۋەتتە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئاقسۇ ئىگەرچىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ۋەيرانچىلىقلارنىڭ غۇلجا شەھىرىنىڭ بايانداي ۋە يېڭىيەر يېزىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭمۇ بېشىغا كېلىپ قېلىش ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت