ئىككى كورىيە تالاش - تارتىشتىكى چېگرا رايوندا زەمبىرەك ئېتىشتى

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ سىئولدىن بايان قىلىشىچە، بۈگۈن شىمالىي كورىيە بىلەن جەنۇبىي كورىيە تالاش - تارتىشتىكى چېگرا رايوندا زەمبىرەك ئېتىشتى، بۇ، ئۈچ ئايدىن بۇيان ئىككى كورىيىنىڭ ھەربىي قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن ئىككىنچى قېتىملىق جىددىي ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-01-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىم ئىككى كورىيە قىسىملىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئېتىشىش كورىيە يېرىم ئارىلىدىكى تىنجىماي كېلىۋاتقان جىددىيلىكنى ئاشۇرۇۋېتىشى مۇمكىن.

يەنە بەزى تەھلىلچىلەرنىڭ قارشىچە، شىمالىي كورىيە ھازىر گۇمرانلىققا يۈزلىنىۋاتقاندا، خەلقئارادىن ياردەم ئالىدىغان بىر يول ئېچىشنى ئويلاۋاتسا كېرەك.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت