خىتاي بانكىسىنىڭ سابىق ئەمەلدارلىرىدىن ئىككى كىشى ئامېرىكىدا تۈرمىگە تاشلاندى

خىتاي بانكىسىدىن 483 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى ئوغۇرلاپ قاچقان شۈ چاۋفەنگە، يېقىندا ئامېرىكىدا 25 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى. ئۇنىڭ شىرىكى شۈگوجۈنگە 22 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىنىدى، خوتۇنلىرىغا 8 يىلىقتىن قاماق جازسى ھۆكۈم قىلىندى. ئۇلار ھازىر تۈرمىدە.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-05-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي بانكىسىنىڭ كەيپىڭ شۆبە بانكا باشلىقى شۈ چاۋفەن قاتارلىق 6 كىشى 1991 ‏ - يىلىدىن تارتىپ بانكىنىڭ پۇلىنى ئوغۇرلاپ، 2001 ‏ - يىلى ئاشكارىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، بىر - بىرلەپ خوڭكوڭغا كېلىپ، ساختا پاسپورت سېتىۋېلىپ ۋە ئامېرىكا پۇقراسى بىلەن توي قىلىپ ئامېرىكىغا قېچىپ كەلگەن.

شۇنىڭدىن كېيىن ھەممىسى ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ يۇشۇرۇنۇپ يۈرۈپ، كېيىن قايتىدىن جەم بولىۋالغان. ئۇلار 2004 ‏ - يىلى ئامېرىكىنىڭ تېكساس ۋە ئوكلاخوما شىتاتلىرىدا قولغا ئېلىنغان ئىدى.


پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت