ئۇيغۇر ئېلىدىكى 'ئىككىنى ھىمايە قىلىشتا ئىلغار يېزا'لارمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغان

ئۇيغۇر ئېلىدىكى "ئىككىنى ھىمايە قىلىشتا ئىلغار يېزا"لارمۇ نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغان. يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسى بۇ خىلدىكى يېزىلارنىڭ بىرى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯘﻣﻪ
2010-06-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

"قەشقەر ھۆكۈمەت تورى" دا كۆرسىتىشىچە، 20 - ئىيۇن خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي رايونى سىياسىي كومىسسارى ۋاڭ جيەنمىن يېڭىشەھەر ناھىيىسىنىڭ بارىن يېزىسى يۇقىرىقى قېچېچى كەنتىگە كېلىپ "ئىككىنى ھىمايە قىلىش، ئورتاق بەرپا قىلىش" خىزمىتىنى كۈچەيتىشنى تەلەپ قىلغان ۋە مەزكۇر كەنتتىكى "قوش تىل يەسلىسى"گە پۇل ئىئانە قىلغان.

"تەڭرىتاغ تورى" نىڭ 2009 - يىلىدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، يۇقىرىقى قېچېچى كەنتى 41 يىل ئىلگىرى خىتاينىڭ جەنۇبى ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ھەربىي رايونى مەلۇم توپچىلار قىسمى بىلەن بىرلىكتە "كەنتى ھەربىي - خەلق ئورتاق بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرغان."

خىتاي ئاخباراتلىرىدا مەزكۇر كەنت "ئىلغار كەنت" دەپ تەرىپلەنگەن بولسىمۇ، مەزكۇر كەنت خەلقنىڭ يەنىلا نامرات ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ھەقىقەتنى يوشۇرالمىغان.

"تەڭرىتاغ تورى" نىڭ 2009 - يىلىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر كەنت نوپۇسىنىڭ 98.6 پىرسەنتىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىكەن. خەۋەردە مۇنداق كۆرسىتىلگەن: "ھالبۇكى، ئارىدىن نەچچە ئون يىل ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، كەنت ئاھالىلىرى نامراتلىقتىن يەنىلا قۇتۇلالمىدى."

خىتاي ئاخباراتلىرىدا مەزكۇر كەنت دېھقانلىرىنىڭ كىرىمى ھەربىيلەرنىڭ ياردىمىدە بارا - بارا ئۆسۈپ ھاللىق سەۋىيىگە يەتكەن، دەپ خەۋەر قىلىنغان. ھالبۇكى خەۋەردە يەنە، مەزكۇر كەنت خەلقىنىڭ 2008 - يىلىغىچە نامراتلىقتىن قۇتۇلالمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. بۇ ھەقتە بىز ئوز ئالدىمىزغا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالمىدۇق.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت