خىتايدا ئىنتېرنېتقا نازارەت قىلىش قايتىدىن باشلانغان ھامان ج خ نازارىتى دەرھال ئادەم تۇتتى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتايدا ھازىر ئىنتېرنېتقا نازارەت قىلىدىغان تېخىمۇ قاتتىق بەلگىلىمە چىققانلىقى ئاشكارىلانماقتا.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011-07-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئېنىقلىشىچە، خىتايدا ئىنتېرنېت ئەھلى 457 مىليوندىن ئېشىپ، ئۇلاردىن ئەركىن پىكىر بايان قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ سانى كۈندىن -كۈنگە ئۇلغىيىشقا باشلىغان ئىدى.

خىتايدا قۇرۇلۇپ بولغان 1 مىليون 910 مىڭ ئىنتېرنېت تور بېتى ھازىر، خۇددى بۇلتۇر ئەرەب ئەللىرىدە يۈز بەرگەن ياسىمەن ئىنقىلابى ۋاقتىدا، توساتتىن نەزەربەندكە چۈشۈپ قالغاندەك ئەھۋالغا قايتىدىن دۇچ كەلدى.

خىتايدا ئىنتېرنېتقا نازارەت قىلىدىغان تېخىمۇ قاتتىق بەلگىلىمە ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان ھامان، خىتاينىڭ شىنجاڭ خەۋەر تورىنىڭ 7-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ج خ نازارىتى «تور تازىلاش» دېگەن نام بىلەن 384 ئادەمنى قولغا ئالغان. خىتاي ساقچىلىرى تۇتقان بۇ ئادەملەرنى «قاچاقتىكى جىنايەتچى» دەپ ئاتاپ، ئۇلارغا دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈشكە باشلىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت