ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف ئوش ۋەقەسىنى 'مىللىي توقۇنۇش ئەمەس' دېدى

"قىرغىزىستاندىكى قالايمىقانچىلىق ئۈچىنچى كۈچ تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان ۋە ئۆزبېكىستاننى قىرغىزىستان بىلەن توقۇنۇشقا سېلىشنى مەقسەت قىلغان" دەپ كۆرسەتتى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف 19 - ئىيۇن كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010-06-20
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رۇسىيە خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدا ئېيتىلىشىچە، ئىسلام كېرىموف بۇ قېتىم ئوشتا يۈز بەرگەن مىللىي توقۇنۇش ھەققىدە مەيدانىنى ئىپادىلەپ، "مەن، يۈز بەرگەن ۋەقەنى ئېتنىك توقۇنۇشى دەپ ھېسابلىمايمەن، چۈنكى ئۆزبېكلەر بىلەن قىرغىزلار بۇنىڭ سەۋەبچىسى ئەمەس، ياكى ئۆزبېكلەر ۋە ياكى قىرغىزلارنىڭ گۇناھى يوق، چۈنكى مەزكۇر قانلىق ۋەقە ئۈچىنچى كۈچ تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان" دەپ تەكىتلىگەن.

"قالايمىقانچىلىقنى تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بۇ توقۇنۇشقا ئۆزبېكىستاننى ئېلىپ كىرىش ئىدى. بىراق، ئۆزبېكىستان ھېچقاچان باشقا ئەللەرنىڭ تېررىتورىيىسىدە يۈز بەرگەن بۇنىڭغا ئوخشاش توقۇنۇشلارغا ئارىلاشمايدۇ ھەم بۇنىڭغا يول قويمايدۇ. بىزنىڭ ئۆزىمىزنىڭ قىرغىزىستان بىلەن مەسىلىنى ھەل قىلالىشىمىزدا يېتەرلىك كۈچىمىز ۋە تەجرىبىلىرىمىز بار" دەپ چۈشەنچە بەرگەن ئۆزبېك پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف.

فەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، پرېزىدېنت ئىسلام كېرىموفنىڭ مەزكۇر بىلدۈرۈشى پەقەت ئالدى بىلەن رۇسىيە ئۇچۇر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن تارقىتىلغان.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى كېرىموف ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرى ھىلاري كلىنتون بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆزلىشىپ، ئۆزبېك مۇساپىرلىرى مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان ئىدى. نۆۋەتتە، 100 مىڭدىن ئارتۇق ئۆزبېك مۇساپىرى ئۆزبېكىستان چېگرىسى ئىچىدە پاناھلانماقتا.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۆزبېك مۇساپىرلىرىنى ئوشتىكى ئۆيلىرىگە قايتىشنى رەت قىلىپ، قىرغىزىستان قوشۇنلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى قوغدايدىغانلىقىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. ئەمما، قىرغىزىستان مەتبۇئاتلىرى تۆت مىڭ ئەتراپىدا مۇساپىرنىڭ ئوشقا قايتقانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت