ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلى ئۇيغۇر رايونىنى زىيارەت قىلدى

خىتايدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلى ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى 20 - ئىيۇن كەچتە ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەن. تۈركىيىدە نەشردىن چىقىدىغان "ستار" گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلى شىنجاڭ ئىسلام ئىنستىتۇتىنى زىيارەت قىلغان ۋە ئوقۇغۇچىلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-06-21
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلى بۇ ئىنستىتۇتتا تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچى يېتىشتۈرۈشكە ۋە بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىسلام دۆلەتلىرىدە بىلىم ئاشۇرۇشى ئۈچۈن ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىشكە بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.

خەۋەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىھسانئوغلى ئىنستىتۇتنىڭ كۇتۇپخانىسىدا ئۇيغۇر يېزىقىدا نەشر قىلىنغان گېزىت ۋە كىتابلارنى ئالاھىدە قىزىقىپ كۆرگەن. ئۇ كېيىن خان تەڭرى مەسچىتىنى زىيارەت قىلغان ۋە مەسچىتنىڭ ئىمامى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

ئىھسانئوغلى ئۇيغۇر رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى نۇر بەكرى بىلەن ئۇچراشقان. "تەڭرىتاغ تورى" نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، نۇر بەكرى ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلى ۋە ھەمراھلىرىغا ئۇيغۇر رايونىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئىقتىسادىي، سىياسىي تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي، دىنىي سىياسەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن. ئۇ: "ئۇيغۇر رايونىدا ھەر مىللەت خەلقى ئىناق - ئىتتىپاق ئۆتۈپ، يۇرت - ماكانىنى ئورتاق قۇرۇۋاتىدۇ،" دېگەن.

دۇنيا ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلى ئۆتكەن يىل "ئۈرۈمچى ۋەقەسى" يۈز بەرگەندە، ۋەقەگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلگەن. ئۇ ئەينى چاغدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زۇلۇمىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ زېمىننىڭ ئەسلى ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھەق - ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ۋە ۋەقەدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۇيغۇر رايونىغا ئۆمەك ئەۋەتكەن ئىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئەكمەلەددىن ئىھسانئوغلى بۇ قېتىملىق زىيارىتىدە قەدىمىي شەھەر قەشقەرنىمۇ زىيارەت قىلىدىكەن.  

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت