پرېزىدېنت ھۆسنى مۇبارەكنىڭ ئىچكى كابىنېتى رەسمىي ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى

مىسىردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىشىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، پرېزىدېنت ھۆسنى مۇبارەكنىڭ ئىچكى كابىنېتى رەسمىي ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-01-29
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، نامايىش شەنبە كۈنى قاھىرە ۋە ئالېكساندىرىيە شەھەرلىرىدە كۆلەملىك ئېلىپ بېرىلغان.

ئالېكساندىرىيە شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشقا 2000 دىن ئارتۇق ئادەم قاتناشقان بولۇپ، نامايىشچىلار ساقچى پونكىتلىرىغا ئوت قويغان.

قاھىرەنىڭ تەھرىر مەيدانىدىكى نامايىش كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان. نامايىشچىلار "مۇبارەك يوقالسۇن"، "بىز ھەممىمىز مىسىرلىق" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاشقان.
بەزى ئۇچۇر مەنبەلىرىگە قارىغاندا، نامايىشچىلار نامايىشنى تىنچىتىشقا كەلگەن ھەربىيلەر بىلەن خاتىرە رەسىملىرىگە چۈشكەن.

ھالبۇكى مىسىردا 30 يىل ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن نۆۋەتتىكى پرېزىدېنت ھۆسنى مۇبارەك شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
ئامېرىكا پرېزىدېنت ئوباما بايانات ئېلىپ قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھۆسنى مۇبارەك بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە: "ئىدىيىلەرنى باستۇرۇش ئۇنى يوقىتىۋېتەلمەيدۇ" دېدى.

ئۇ يەنە ھۆسنى مۇبارەكنى خەلقنىڭ زارىغا قۇلاق سېلىشقا دەۋەت قىلدى.

تۇنىستا ئېلىپ بېرىلغان ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، بۇ خىلدىكى نامايىشلار مىسىر قاتارلىق بىر قىسىم ئەرەب ئەللىرىگە كېڭەيگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت