ئامېرىكا: ئاسىيا دېڭىز تەۋەلىكى ماجىراسى خەلقئارا قانۇنلار بويىچە تىنچ يوسۇندا ھەل قىلىنىشى كېرەك

ئامېرىكا دائىرىلىرى ئاسىيا دېڭىز تەۋەلىكى ماجىراسىنىڭ خەلقئارا قانۇنلار بويىچە تىنچ يوسۇندا ھەل قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-10-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ ھەقتىكى سۆزلەرنى ۋېيتنامنىڭ خانوي شەھىرىدە شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ مۇداپىئە مىنىستىرلىرى ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىۋاتقان ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىس ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ مۇنداق دېگەن: "بىز بۇ ئىشتا تەرەپ تۇتمايمىز. بۇ يەردە بىز تەلەپ قىلىدىغان تېررىتورىيە يوق."

روبېرت گېيتىسنىڭ بۇ ھەقتىكى سۆزلىرى، يېقىندا خىتاي - ياپونىيە ئوتتۇرىسىدىكى سېنكاكۇ مەسىلىسى ۋە ۋيېتنام - خىتاي ئارىسىدىكى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزدىكى تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ماجىراسى ئۇلغايغاندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى.

ئوتكەن ئايدا، خىتاينىڭ بىر بېلىقچى كېمىسى ياپونىيە كونتروللۇقىدىكى سېنكاكۇ ئارىلى دائىرىسىگە كىرگىنىدە توسۇپ قىلىنغان ۋە كاپىتانى قولغا ئېلىنغان ئىدى.

ياپونىيە دائىرىلىرى خىتاي بېلىقچى كېمىسىنىڭ كاپىتانىنى ئون نەچچە كۈن تۇتۇپ تۇرغاندىن كېيىن، قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، مەزكۇر ۋەقە خىتاي ياپونىيە ئارىسىدىكى جىددىيلىكنى ئۇلغايتقان.

ئۇنىڭدىن باشقا، خىتاي دائىرىلىرى ئۆتكەن ئاي جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىكى شىشا تاقىم ئاراللىرى دائىرىسىدە 9 ۋيېتناملىق بېلىقچىنى تۇتۇپ قالغان ئىدى.

خىتاي باشتا بۇ بېلىقچىلارنى قويۇپ بېرىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ۋەقە ۋيېتنام - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنى جىددىيلەشتۈرگەن. ۋيېتناملىق بېلىقچىلار يەكشەنبە كۈنى قويۇۋېتىلگەن.

روبېرت گېيتىس، ئاسىيا ئەللىرى ئارىسىدا تالاش - تارتىش قىلىنىۋاتقان مەزكۇر ئاراللار مەسىلىدە تەرەپ تۇتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بۇ يىل مارتتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم خانويدا، جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئامېرىكىنىڭ "دۆلەت مەنپەئەتى" بارلىقىنى جاكارلىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت