ھىلارىي كلىنتون خانىم: جەنۇبىي دېڭىزدىكى جىددىيلىك تىنچلىققا تەھدىت

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم شەنبە كۈنى ھىندونېزىيىدە جەنۇبىي دېڭىزدىكى جىددىيلىكنىڭ تىنچلىققا تەھدىت تۇغدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-07-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇ، بۇ سۆزلەرنى ھىندونېزىيىنىڭ بالى ئارىلىدا چاقىرىلىۋاتقان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ يىللىق يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويدى.

جەنۇبىي دېڭىزدا يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى تىلغا ئالغان ھىلارىي كلىنتون خانىم مۇنداق دېدى: «بۇ ۋەقەلەر دېڭىزدىكى ھاياتى بىخەتەرلىككە تەھدىت سالىدۇ، جىددىيلىكنى ئۇلغايتىدۇ،  دېڭىزدا يۈرۈش ئەركىنلىكىنى دەخلى تەرزگە ئۇچرىتىدۇ ۋە قانۇنىي ۋە دەخلى-تەرۇزسىز سودا ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا خەتەر تۇغدۇرىدۇ.»

كلىنتون خانىم بۇ خىلدىكى سۆزلەرنى ئوتكەن يىلى ۋيېتنامنىڭ خانويدا چاقىرىلغان سۆھبەت يىغىنىدىمۇ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

بۇ يىل مايدىن بۇيان خىتاي دائىرىلىرى جەنۇبىي دېڭىزدا تەۋەلىكى بار ۋيېتنام، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ بېلىقچى كېمىلىرىگە پاراكەندىچىلىك سالىدىغان ئەھۋاللار كۆپەيگەن. بۇ جەنۇبىي دېڭىز ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرگەن  ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت