كامبودژا مەزكۇر دۆلەتتە پاناھلانغان 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 20 نەپىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى

كامبودژا دائىرىلىرى مەزكۇر دۆلەتتە پاناھلانغان 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 20 نەپىرىنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەردى. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ 22 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 2 نەپىرى قېچىپ كەتكەنلىكى ئۇچۇن بۇ نۆۋەتلىك قايتۇرۇلۇشتىن ساق قالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-12-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺗﯧﻨﭽﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﺎﺵ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻗﻮﻝ ﺷﯘﺋﺎﺭ ﺗﺎﯞﻻﭖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
ﺳﯜﺭﻩﺕ، ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ 5 - ﺋﯩﻴﯘﻝ ﺗﯧﻨﭽﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﻳﺎﺵ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻗﻮﻝ ﺷﯘﺋﺎﺭ ﺗﺎﯞﻻﭖ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ.
RFA ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى كامبودژا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى دەلىللىدى. فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، كامبودژا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى كھىئېئۇ سوپھئاك: " 20 نەپەر ئۇيغۇر شەنبە كۈنى كەچتە خىتاي ئايروپىلانى بىلەن خىتايغا قايتۇرۇلدى" دېدى.

كامبودژا دائىرىلىرى جۈمە كۈنى كەچقۇرۇن، بۇ 20 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتاينىڭ شاڭخەي شەھىرىگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بىلەن خىتايغا يولغا سالىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ھالبۇكى، خەلقئارا بېسىملار ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار ئىشخانىسىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن، بۇ ئۇيغۇرلار بۈگۈن (يەرلىك ۋاقىت) كەچقۇرۇنغىچە كامبودژادا تۇتۇپ تۇرۇلغان.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىشى خاراكتېرلىك قارا - قويۇق تۇتۇن قىلىش خەۋپىدىن قېچىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئالدى بىلەن ۋېتنامغا ئاندىن يوشۇرۇن يوللار بىلەن كامبودژاغا قېچىپ كەلگەن.

بۇ ئۇيغۇرلار ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 22 نەپەرگە يەتكەن ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ كامبودژادا تۇرۇشلۇق مۇساپىرلار ئىشخانىسىدىن پاناھلىق تىلىگەن ئىدى.

ئىلگىرى خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىدىن قېچىپ، بەزى ئاسىيا دۆلەتلىرىگە چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارمۇ ئوخشاش قىسمەتكە يولۇققان ئىدى.

بۇلاردىن 2000 - يىلى نېپالغا قېچىپ چىقىپ بىرلەشكەن دۆلەت تەشكىلاتىدىن پاناھلىق تىلىگەن شىر ئېلى ۋە ئۇنىڭ بىر قىسىم ھەمراھلىرى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن. كېيىن خىتاي ئاخباراتى شىرئېلىنىڭ ئۆلۈمگە بۇيرۇلغانلىقى ۋە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

بۇنىڭدىن باشقا پاكىستان دائىرىلىرى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىپ جازاغا تارتىلغان ئۇيغۇرلاردىن، ئىسمائىل سەمەت، مەمەت توختى قاتارلىقلار بار.

مەلۇم بولۇشىچە، مەمەت توختى2003 - يىلى 18 يىللىق قاماق جازاسىغا، ئىسمائىل سەمەت 2005 - يىلى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان.

ئۇيغۇر كىشىلىك تەشكىلاتلىرى كامبودژادىن خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ھەرخىل تراگېدىيىلىك قىسمەتلەرگە دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىنى زوراۋانلىق ھەرىكەت دەپ بېكىتىپ بۇنىڭغا ئالاقىدار قارالغان 20 كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىپ بۇلارنىڭ 9 نەپىرىگە جازا ئىجرا قىلغان ئىدى. 
پىكىرلەر (30)
Share

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ب . د. ت ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، ئىنسان ھەقلىرىنى كۈزىتىش تەشكىلاتى، چىگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى... ۋاھاكازلارنىڭ ھەممىسى خەلقئارادىكى پەلقۇلئاددە كۈچلەرنىڭ تۈگمىنىگە سۇ توشۇيدىغان «ئادالەتپەرۋەر»لەردىن باشقا نەرسە ئەمەس... بىز بۇلاردىن ئۈمىد كۈتكەنلىكىمىز ئۈچۈنلا بۈگۈنكى كۈنلەرگە كەلدۇق. كامبۇدژانىڭ بۇ خىيانىتىنىڭ جاۋابكارلىقىنى ۋەتەن سىرتىدىكى مۇستەقىللىق داۋاسى قىلىۋاتقان سىياسىي تەشكىلاتلار ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ۋە دەرھال ئۆزلىرىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشى... لازىم.

Dec 21, 2009 06:33 AM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﻭﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺧﯩﺘﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﯕﻼﺭ ! ﺗﻪﻳﯟﻩﻥ ﯰﺯﯗﻝ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺋﯩﺘﻼﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻱ ﺧﯩﺘﺘﺎﻳﻼﺭ ﻛﯩﺮﺩﻯ ﺑﯘ ﻧﯩﻤﯩﻨﻰ ﭼﯘﺷﻪﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ ؟ ﯰﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﯰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﯪﻟﻼﻫ ﺳﯘﺑﺨﺎﻧﻪﯞﻩﺗﺎﯪﻟﻼﻫ

Dec 21, 2009 05:59 AM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﻭﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺧﯩﺘﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺗﯘﺭﺳﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﯕﻼﺭ ! ﺗﻪﻳﯟﻩﻥ ﯰﺯﯗﻝ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺋﯩﺘﻼﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﻩﻟﻤﻪﻱ ﺧﯩﺘﺘﺎﻳﻼﺭ ﻛﯩﺮﺩﻯ ﺑﯘ ﻧﯩﻤﯩﻨﻰ ﭼﯘﺷﻪﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ ؟ ﯰﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﯰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﯪﻟﻼﻫ ﺳﯘﺑﺨﺎﻧﻪﯞﻩﺗﺎﯪﻟﻼﻫ

Dec 21, 2009 05:58 AM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﺷﯘﻧﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻫﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ، ﺑﯩﺰ ﯰﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﯬﻣﻪﺱ! ﯬﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﯴﭼﯜﻥ ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ ﯪﻟﺪﯨﺪﯨﻤﯘ ﺗﯩﻚ ﺗﯘﺭﺍﻟﯩﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻫﯩﭽﯟﺍﻗﯩﺖ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﯬﻣﻪﺱ!
ﺑﯩﭽﺎﺭﯨﻠﻪﺭ ﺷﯘﻛﻰ- ﻣﻪﻧﭙﻪﯬﺕ ﯪﻟﺪﯨﺪﺍ ﺗﯩﻜﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﯪﺩﺍﻟﻪﺕ ﺗﯘﻏﯩﻨﻰ ﺩﻩﺳﺴﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭ، ﺑﯘ ﯪﺩﺍﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﯜﻛﯜﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ!
ﺩﯨﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻴﻪ، ﯪﺩﺍﻟﻪﺕ ..ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯨﯟﯨﻠﯩﭗ ، ﺷﻪﺭﻣﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭﭼﻪ ﯪﻳﺎﻍ-ﯪﺳﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﻫﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ!
ﻗﺎﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭ ﺷﻪﺭﻣﻪﻧﺪﻩ ﺩﯗﻧﻴﺎ، ﺑﯩﺰ ﯰﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯩﻐﻼﭘﻼ ﯲﺗﯩﯟﻩﺭﻣﻪﻳﻤﯩﺰ! ﻳﯧﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻏﻪﺯﻩﭖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﯟﯨﺘﯩﭗ ﺗﺎﯕﻨﻰ ﻛﯜﺗﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﻤﯩﺰ!

Dec 21, 2009 04:20 AM

ئىسىمسىز ئوقۇرمەن

ﯪﻟﻼﺑﯘﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﯰﺯﭘﺎﻧﺎﻫﯩﺪﺍﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻱ،ﺑﯘﻻﺭﻫﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﺑﯘ ﯪﻟﺪﺍﻣﭽﻰ،ﺳﺎﺧﺘﯩﭙﻪﺯ،ﻣﻪﻳﻨﻪﺕ،ﯻﭙﻼﺱ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﻧﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻐﺎﭼﯘﺷﯘﭖ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻱ.

Dec 21, 2009 12:58 AM

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

تولۇق بەت