كامبودژا باش مىنىستىرى خىتاي بىلەن 13 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىدى

كامبودژا باش مىنىستىرى خۇن سىن خىتاي زىيارىتىنىڭ تۇنجى كۈنى خىتاي بىلەن 13 تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىدى. بۇ، كامبودژا ھۆكۈمىتى 2009 - يىلى دېكابىردا مەزكۇر دۆلەتتە پاناھلانغان 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن خىتاي بىلەن ھاسىل قىلغان يەنى بىر قېتىملىق چوڭ ئىقتىسادىي كېلىشىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2010-12-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خۇن سىن دۈشەنبە كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋېن جياباۋ بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، ئۇ يەنە خىتاي پرېزىدېنتى خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار بىلەن ئۇچرىشىدىكەن.

كامبودژا ھۆكۈمىتى " 5- ئىيۇل ۋەقەسى" دىن كېيىن كامبودژاغا كېلىپ پاناھلىق تىلىگەن 20 ئۇيغۇرنى 2009- يىلى 19- دېكابىر خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن ئىدى. مەزكۇر ۋەقە دۇنيا خاراكتېرلىك غۇلغۇلا قوزغىغان. ۋەقە يۈز بېرىپ ئىككى كۈندىن كېيىن، يەنى 21 - دېكابىر كامبودژاغا كەلگەن خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاينىڭ كامبودژاغا 1 مىليارد 200 مىليون دوللارلىق ئىقتىسادىي ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
ئەينى چاغدىكى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 2009- يىلى كامبودژا خىتاي بىلەن 14 تۈرلۈك ئىقتىسادىي توختام تۈزگەن.

ئامېرىكا دائىرىلىرى كامبودژا ھۆكۈمىتىنىڭ 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىگە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرگەن ۋە كامبودژاغا ۋەدە قىلغان ھەربىي ياردىمىنى بىكار قىلغان.

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىلنىڭ بېشىدا كامبودژاغا 250 ھەربىي ئاپتوموبىل ياردەم بەرگەن ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خۇن سىن بۇ نۆۋەت خىتايدا بەش كۈن زىيارەتتە بولىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت