خىتاي دائىرىلىرى: لەي چاڭشىڭ جىنايىتىنى قوبۇل قىلدى

بۈگۈن خىتاي دائىرىلىرى كانادادىن بۇ يىل 7-ئايدا قايتۇرۇلغان لەي چاڭشىڭ ھەققىدە تارقاتقان تۇنجى ئۇچۇرىدا، لەي چاڭشىڭنىڭ ئۆز جىنايىتىنى ئىقرار قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011-12-30
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

لەي چاڭشىڭ 1999-يىلى كاناداغا قېچىپ بارغان ۋە ئۆزىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشىنىڭ قۇربانى بولغانلىقى، خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە ھاياتى خەۋپكە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كانادا ھۆكۈمىتىدىن پاناھلىق تىلىگەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى بولسا لەي چاڭشىڭنىڭ ئەتكەسچىلىك ۋە پارا بېرىش يوللىرى ئارقىلىق 80 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغان چوڭ ئەتكەسچىلىك دېلوسىنىڭ باش جىنايەتچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن.

كانادا دائىرىلىرى ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، لەينىڭ بىر ئىقتىسادى جىنايەتچى ئىكەنلىكى، خىتايدا ئادەتتە پەقەت سىياسىي ئۆكتىچىلەرگە ياكى ئاز سانلىق مىللەت ئۆكتىچىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلىقى، شۇڭا لەي خىتايغا قايتۇرۇلغان تەقدىردە ئۇنىڭ ھاياتىغا خەۋپ كەلمەيدىغانلىقىنى قارار قىلىپ، ئۇنى ئاخىرى بۇ يىل 7-ئايدا خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەن ئىدى. بۇنىڭ بىلەن كانادا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە 12 يىلدىن بېرى مەسىلە يارىتىپ كېلىۋاتقان لەي چاڭشىڭ مەسىلىسى ئاياغلاشقان ئىدى.

رويتېرسنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۈگۈن خىتاي دائىرىلىرى ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، لەينىڭ سىياسىي ھوقۇقلىرىغا تامامەن كاپالەتلىك قىلىنىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ قانۇنىي تەرتىپ بويىچە ئادىل سوتلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن. ئەمما بىر قىسىم كىشىلىك ھوقۇق كۆزەتكۈچىلىرى لەي چاڭشىڭنىڭ خىتايدا ئادىل سوتلىنىشىغا گۇمان بىلەن قارايدىكەن. چۈنكى، بۇ يىل 53 ياشقا كىرگەن لەي چاڭشىڭنىڭ 80-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن 90-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە فۇجيەن ئۆلكىسىدە ئەتكەسچىلىك، پارا بېرىش ۋە باشقا غەيرىي يوللار ئارقىلىق نۇرغۇن پۇل تاپقانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئەمەلدارلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقى مەلۇم.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت