لىۋىيە ئىسيانچىلىرى ئۇلتىماتۇم ئېلان قىلىپ، كازافىي كۈچلىرىنىڭ تەسلىم بولۇشى ئۈچۈن ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت بەردى

لىۋىيە ئىسيانچىلىرى كازافىي كۈچلىرىنىڭ تەسلىم بولۇشى ئۈچۈن ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت بېرىلگەنلىكىنى ئېلان قىلىپ، ئەگەر كازافىي تەسلىم بولمىسا ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-08-31
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

لىۋىيە مىللىي كېڭىشىنىڭ ئۆتكۈنچى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئەخمەت داراد، ئىسيانچى كۈچلەرنىڭ كازافىينى ئۆلتۈرۈشكە ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بىراق مىللىي كېڭەش رەئىسى مۇستافا ئابدۇلجېلىل كازافىينى تىرىك تۇتۇپ، سوتلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئىسيانچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى كازافىينى تۇتۇش. ئۇلار لىۋىيە دىكتاتورىنىڭ زور ئېھتىماللىق بىلەن لىۋىيىدە ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ پايتەخت ترىپولىنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى بىن ۋالىد دېگەن يەرگە مۆكۈۋالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن گۇمان قىلماقتا ئىكەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىسيانچىلار كازافىينىڭ يۇرتى سرتتىكى كازافىي تەرەپدارلىرىغا ئۈچ كۈنلۈك مۆھلەت بېرىپ، شەنبە كۈنگە قەدەر تەسلىم بولۇشنى، ئەگەر تەسلىم بولمىسا ھەربىي ھۇجۇم قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

لىۋىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى خەلقئارا يىغىن پەيشەنبە كۈنى پارىژدا باشلىنىدۇ. ياۋروپا دىپلوماتلىرىنىڭ چارشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى جۈمە كۈندىن باشلاپ لىۋىيىگە قارىتىلغان ئېمبارگونى بىكار قىلىشنى قارار قىلغان.

فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزىي ۋە ئەنگلىيە باش مىنىستىرى كامېروننىڭ ساھىپخانلىقىدىكى يىغىنغا 60 دەك دۆلەت رەھبىرى قاتنىشىشى مۇمكىن.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۈگۈن يىغىنغا مۇئاۋىن مىنىستىر دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارىنىڭ كۆزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بېيجىڭ ئىلگىرى ئىزچىل كازافىينى قوللاپ، ئىسيانچىلارغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىپ كەلگەن ئىدى.

 بىراق ئىسيانچىلار پايتەخت ترىپولىغا كىرگەندىن كېيىن پوزىتسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، «لىۋىيە خەلقىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىدىغانلىقى» نى جاكارلىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت