خەلقئارالىق سوت كازافىينىڭ ئوغلى سەيف ئەل ئىسلاممىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى دەلىللىدى

خەلقئارالىق سوت شەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، لىۋىيە ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىن كازافىينىڭ ئوغلى سەيف ئەل ئىسلامنىىڭ قولغا چۈشكەنلىكىگە ئائىت دەلىل ئىسپاتلارنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011-11-19
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەلۇم بولۇشىچە، سەيف ئەل ئىسلام سۈرىيىنىڭ جەنۇبىدىكى بىر قۇملۇقتا مۇھاپىزەتچىلىرى بىلەن سەپەر قىلىۋاتقاندا جۈمە كۈنى كەچقۇرۇن قولغا چۈشكەن.
سەيف ئەل ئىسلام كازافىينىڭ خىللانغان قوشۇنىنىڭ باشلىقى بولۇپ، لىۋىيىدە ئىچكى ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن، ئۇ «ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىدى.

سەيف ئەل ئىسلام نۆۋەتتە زىنتەن شەھىرىدە تۇتۇپ تارىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇزۇنغا قالماي ترىپولىغا يۆتكەپ كېلىنىدىكەن.
ئۇنىڭ تەقدىرى لىۋىيىدىكى ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەتنىڭ قولىدا بولۇپ، ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت ئۇنى لىۋىيىدە سوتقا تارتىشىمۇ ۋە ياكى خەلقئارالىق سوتنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىشىمۇ مۇمكىن ئىكەن.

تولۇق بەت