فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كازافېينىڭ تەختتىن چۈشۈشكە تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈردى

فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالائىن جۇپپې بۈگۈن فرانسىيە رادىئوسىغا بايانات بېرىپ، لىۋىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيە، ئامېرىكا، فرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە ئالاھىدە ئەلچىلىرىنى ئەۋەتىپ، كازافېي ئۈچۈن چىقىش يولى ئىزدەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011-07-12
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئالائىن جۇپپې ئۆز باياناتىدا كازافېينىڭ تەختتىن چۈشۈشكە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما كازافېينىڭ ئالاھىدە ئەلچىسىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىمىغان.

لىۋىيىدە ئىككى ئايدىن بۇيان كازافېي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۆكتىچى كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش داۋام قىلىۋاتماقتا. كازافېي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۆكتىچى كۈچلەر لىۋىيىنىڭ شەرقىي ھەم غەربىدىكى بىر قىسىم جايلارنى كونترول قىلغان ھەم ئۆكتىچى كۈچلەرگە ياردەمدە بولۇۋاتقان ناتۇ قىسىملىرى كازافېي ئارمىيىسى ئىگىدارچىلىقىدىكى جايلارنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كازافېي تېخىچە لىۋىيىدىن ئايرىلمىغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش داۋاملىشىۋەرسە لىۋىيە ۋەزىيىتى قاتمال ھالەتكە يۈزلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

تولۇق بەت