خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى، توققۇز ئۇيغۇرنى ئادىل سوتلىمىدى دەپ ئەيىبلىدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ خىتاينى، مۇقىمسىز ئۈرۈمچىدە 9 ئۇيغۇرنى ئادىل سوتلىمىدى دەپ ئەيىبلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-11-11
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئاسىيا - تىنچ ئوكيان ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇئاۋىن باشلىقى روزىين رىف بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشىگە ئاساسەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ئاقلىغۇچى ئادۋوكاتىنى تاللىشغا رۇخسەت قىلمىغانلىقى، سوتلاش جەريانى ئوچۇق - يۇرۇق بولمىغانلىقى، بەلكى سوتلاش ۋاقتىنى ئىنتايىن قىسقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئاقلىغۇچىلارنىڭ سۆزلىشىگە چەكلىمە قويغانلىقى، جىنايەت دەلىللىرى ئۈستىدە ئوچۇق، كەڭ دائىرىلىك ۋە تەكرار-تەكرار تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغانلىقى، بۇ، ئادىل سوتلىغانلىق ئەمەس، بۇ يەنە كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچىمىگە توشمايدۇ‏لا ئەمەس، قانۇن ئۆلچىمىگىمۇ توشمايدۇ،دەپ كۆرسەتتى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى بۈگۈنكى باياناتىدا يەنە، خىتاي ھازىر 'شىنجاڭ' دەپ ئاتاۋاتقان بۇ مۇقىمسىز رايوندا، تىنچ نامايىش قىلىپ ئۆزىنىڭ تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئۇيغۇرلارنى ھەربىي قىسىملار بىلەن باستۇرۇپلا قالماي، بەلكى ئۇلارغا جىنايى نام توقۇپ داۋاملىق تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ، داۋاملىق تۈردە ئادالەتسىز سوتلاپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىۋاتىدۇ، ئەگەر بۇنداق شەكىل داۋاملىشىۋەرسە، بۇ رايوندا ئادالەتسىزلىككە بولغان قارشىلىق تېخىمۇ ئۇلغىيىدۇ، مۇقىمسىزلىق توختىمايدۇ دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت