ئاۋسترالىيە سابىق باش مىنىستىرى كەۋىن رۇد خىتايغا ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش تەكلىپىنى بەرگەن

ۋىكىلىكس تورى ئاشكارىلىغان ئاۋسترالىيىگە ئالاقىدار ھۆججەتلەرگە قارىغاندا، ئاۋسترالىيە سابىق باش مىنىستىرى كەۋىن رۇد ئامېرىكا دائىرىلىرىگە، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئۆلچەملەرگە رىئايە قىلماي ھەددىدىن ئاشسا، خىتايغا ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش تەكلىپىنى بەرگەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2010-12-06
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۈگۈن، نۆۋەتتە تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان كەۋىن رۇد بايات ئېلان قىلىپ، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يەنىلا ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئاشكارىلانغان ھۆججەتكە قارىغاندا، 2009- يىلى مارتتا ئامېرىكا  تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم خىتايغا تاقابىل تۇرۇشتا كەۋىن رۇدنىڭ  شەخسىي مەسلىھەتىنى ئالغان.  كەۋىن رۇد " خىتاينى خەلقئارا جەمئىيەتكە ئۈنۈملۈك سىڭدۈرۈش ھەمدە ھەر ئېھتىمالغا قارشى ھەربىي كۈچ ئىشلىتىشكىمۇ تەڭ تەييارلىق كۆرۈش"  تەكلىپىنى بەرگەن.

كەۋىن رۇد يەنە، ئۆزىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن يانداش ھالدا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان بىرلىكى ھاسىل قىلىش، خىتاينىڭ تەسىرىنى چەكلەش ئۈچۈن ئامېرىكىنى مەزكۇر رايون مەسىلىسىگە ئارىلاشتۇرۇش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

كەۋىن رۇد 2009 - يىلى 24 - مارت ئامېرىكا تاشىقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنى زىيارەت قىلغان ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھىلارىي كلىنتون خانىم بىلەن كۆرۈشكەن ئىدى.

بۈگۈن، كەۋىن رۇد يۇقىرىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىرلەرنى  دەلىللەشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئاۋسترالىيە-خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ۋىكىلىكس ئاشكارىلىغان مەخپىي ھۆججەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دىپلوماتىك ئالاقە خاتىرىسىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ دۇنيا خاراكتېرلىك غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت