لېكىن، خىتاي دائىرىلىرى زور كۆلەملىك ساقچى ۋە ئامانلىق كۈچلىرىنى چىقىرىپ، نامايىشچىلارنى تۇتقۇن قىلغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى ئەرزىيەتچىلەرنىڭ "قېچىش كۈنى" بولۇپ قالغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بوشۇن تورىنىڭ بەرگەن خەۋىرىدە ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، نەچچە يۈز كىشىلىك نامايىشچى ب د ت ئىشخانىسىنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ، شوئار توۋلىغان. بەزى نامايىشچىلار قولىدا ئەرز -شىكايەتنامىلىرىنى كۆتۈرۈپ، ب د ت دىن ئەرزىيەتچىلەرنىڭ ھوقۇقىغا دىققەت قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
بېيجىڭدىكى نامايىش نورۋېگىيە پايتەختى ئوسلودا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي ئۆكتىچىلىرىدىن ليۇ شاۋبوغا نوبېل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمى بىلەن ئوخشاش كۈندە ئېلىپ بېرىلغانلىقتىن، بۇ ۋەقە دائىرىلەرنى ئالاقزادە قىلىۋەتكەن. ۋەقەنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلارنىڭ نامايىشچىلارنى تۇتقۇن قىلىپ، ساقچى ئاپتوموبىللىرىدا ئېلىپ ماڭغان. يەنە بىر قىسىم نامايىشچىلار تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ قېچىشقا مەجبۇر بولغان. خىتاي ھۆكۈمىتى نوبېل مۇكاپاتىنى تارقىتىش كۈنى كەڭ كۆلەملىك بىر نارازىلىق ھەرىكىتىنىڭ پارتلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۆكتىچى زاتلار ۋە قارشى پىكىردىكى يازغۇچى ھەم پائالىيەتچىلەرنى نازارەت قىلىش ھەم قامال ئاستىغا ئېلىشنى كۈچەيتكەن ئىدى.