ئەي جىشىڭ تەتەقىقات جەمئىيىتى دۇنيا ئەيدىز، تېبىركليۇز ۋە مالارىيا فوندىغا خەت يازدى

مەركىزى بېيجىڭدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش جەمئىيىتى - ئەي جىشىڭ تەتقىقات ئورنى پەيشەنبە كۈنى دۇنيا ئەيدىز، تېبىركولىز ۋە مالارىيا كېسەللىكلىرىگە قارشى تۇرۇش فوندىغا خەت يېزىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاي ئەيدىز كېسەللىكلەر پروگراممىسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ۋە خىتاي ئەيدىز كېسەللىكلەر پروگراممىسىغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى تەلەپ قىلدى.
ﻣﯘﮬﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-11-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەركىزى بېيجىڭدىكى ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش جەمئىيىتى - ئەي جىشىڭ تەتقىقات ئورنى پەيشەنبە كۈنى دۇنيا ئەيدىز، تېبىركولىز ۋە مالارىيا كېسەللىكلىرىگە قارشى تۇرۇش فوندىغا خەت يېزىپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ خىتاي ئەيدىز كېسەللىكلەر پروگراممىسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى ۋە خىتاي ئەيدىز كېسەللىكلەر پروگراممىسىغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى تەلەپ قىلدى. دۇنيا ئەيدىز، تېبىركوليۇز ۋە مارارىيا كېسەللىكلىرىگە قارشى تۇرۇش فوندى 2002‏- يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، مەزكۇر ئورگان ئاممىۋى تەشكىلاتلار، چوڭ كارخانىلار ۋە ھەر قايسى ئەللەر ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ياردىمىدە پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان كېسەللىككە قارشى يەر شارى فوندى ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر فوندىدىن بىر مىليارد 800 مىليون دوللار ياردەم ئېلىپ، جۇڭگو ئەيدىز كېسەللىكگە قارشى تۇرۇش پروگراممىسىنى يولغا قويغان.

لېكىن، ئەي جىشىڭ تەتقىقات ئورنىنىڭ مەزكۇر ئورگانغا يازغان خېتىدە نۇرغۇن پاكىتلارنى ئاساس قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يىتەكچىلىكىدىكى جۇڭگو ئەيدىز كېسەللىكىگە قارشى تۇرۇش پروگراممىسى مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ قائىدە-قانۇنى ۋە تەلىپى بويىچە مەشغۇلات ئېلىپ بارمىغانلىقىنى، خىزمەت ئۈنۈمى ئېنىقسىز ۋە ھەتتا مەغلۇبىيەتلىك بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەي جىشىڭ تەتقىقات ئورنى يەنە، دۇنيا ئەيدىز، تېبىركليۇز ۋە مارارىيا كېسەللىكىگە قارشى تۇرۇش فوندىدىن جۇڭگو ئەيدىز پروگراممىسىغا بېرىلىدىغان ياردەمنى ۋاقىتلىق توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. ئەي جىشىڭ تەتقىقات ئورنى ئەيدىز كېسەللىكىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى تارقىلىش ئەھۋالىغا، بولۇپمۇ ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى بولۇپ، مەزكۇر تەشكىلات ئىلگىرى ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىش ئەھۋالى ۋە كىشىلىك ھوقۇقى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات ھازىرلىغان. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ تەشكىلات دائىم خىتاي ساقچى ئورگانلىرىنىڭ پاراكەندىچىلىكىگە ئۇچراپ تۇراتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت