شۋېتسىيىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى يۇرتىغا قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن

شۋېتسىيىگە قېچىپ چىققان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرى شۋېتسىيە كۆچمەنلىرى ئىدارىسى دائىرىلىرى تەرىپىدىن يۇرتىغا قايتۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن.
مۇھبىرىمىز ئەركىن
2010-11-26
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۆتكەن يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5"‏-ئىيۇل ۋەقەسى"گە قاتنىشىپ، شۋېتسىيىگە قېچىپ چىققان تەخمىنەن 8-7 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرى شۋېتسىيە كۆچمەنلىرى ئىدارىسى دائىرىلىرى تەرىپىدىن يۇرتىغا قايتۇرۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن. خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شۋېتسىيە كۆچمەنلىرى ئىدارىسى دائىرىلىرى شۋېتسىيىگە قېچىپ چىققان بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ 5"‏- ئىيۇل ۋەقەسى"گە قاتناشقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان يېتەرلىك پاكىت يوقلۇقىنى سەۋەب قىلىپ، ئۇلارنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى رەت قىلغان. بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە سىياسىي پاناھلىق تەلىپى رەت قىلىنىپ قايتۇرۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئابدۇل ئىسىملىك ئۇيغۇر مۇساپىرنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، سىياسىي پاناھلىق رەت قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلار ب د ت نىڭ مۇساپىرلار ئىشخانىسىغا باش ئۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلغان ۋە بۇنىڭدىن بىر قانچە ئاي بۇرۇن شۋېتسىيە ئالىي سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنغان.

لېكىن، ئۇلار ئالىي سوتنىڭ قارارىنى كۈتۈۋاتقان بۇ مەزگىلدە مۇساپىرلار ئىچىدىن بەزى كىشىلەر خىتاينىڭ شۋېتسىيە ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، بۇ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى ۋە خىتايدىن كەلگەن ھەر قانداق مۇساپىرغا سىياسىي پاناھلىق بېرىشنى رەت قىلىشنى تەلەپ قىلغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، شۋېتسىيە ھۆكۈمىتى پاناھلىق بېرىشنى رەت قىلغان ئۇيغۇر مۇساپىرلار ئىچىدە 5"‏- ئىيۇل ۋەقەسى"گە قاتنىشىپ، 4 ئاي مۈكۈنۈپ يۈرگەندىن كېيىن، چەتئەلگە قېچىپ چىققان ئەلىجان ئىلھامغا ئوخشاش كىشىلەر بار ئىكەن. ئىگىلىشىمىزچە ، نۆۋەتتە پاناھلىق تەلىپى رەت قىلىنغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئادۋوكاتلىرى ئۇلارنىڭ 5"‏- ئىيۇل ۋەقەسى"گە قاتناشقانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىت توپلىماقتا. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شۋېتسىيە دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى قايتۇرۇۋېتىش خەۋپىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ئەگەر ئۇلار قايتۇرۇلسا ئېغىر سىياسىي زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

تولۇق بەت