جەنۇبىي كورىيە ھاۋا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش مانېۋىرى ئېلىپ بارىدىكەن

جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، جەنۇبىي كورىيە بۇ ھەپتە شىمالىي كورىيە ھۇجۇملىرىغا قارشى ھاۋا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش مانېۋىرى ئېلىپ بارىدىكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2010-12-13
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

مەزكۇر خەۋەرنى جەنۇبىي كورىيە دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسى ئۇقتۇرغان بولۇپ، مانېۋىر چارشەنبە كۈنى شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

مانېۋىردا، جەنۇبىي كورىيە كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى تەقلىدىي ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارىدىكەن. ھاۋا ھۇجۇمى باشلانغاندا، ھاۋا ھۇجۇمىدىن مۇداپىئەلىنىش سىگنالى چېلىنىپ، كىشىلەر دۆلەت باشقۇرۇشىدىكى بارلىق يەر ئاستى مۇداپىئەلىنىش ئەسلىھەلىرىگە كىرىپ پاناھلىنىش مەشىقى ئېلىپ بارىدىكەن.

جەنۇبىي كورىيە دۆلەتلىك جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ نۆۋەتلىك مانېۋىردا ئاساسلىقى خەلقنى ھاۋا ھۇجۇمىدىن پاناھلىنىش ئورۇنلىرىغا يۆتكەش مەشىقى ئېلىپ بېرىلىدىكەن.

ئۆتكەن ھەپتە جەنۇبىي كورىيە ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە ئۇرۇش مانېۋىرى ئېلىپ بارغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت