ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئامېرىكا كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىغا خىتايدا ئىشلەنگەن ساختا زاپچاسلار سەپلەنگەنلىكىنى تەنقىدلىدى

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 21-ماي كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھەربىي ئايروپىلانلىرىدا ئىشلىتىلىۋاتقان زاپچاسلارنىڭ تەخمىنەن 70% ئىنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەنلىكىنى تەكىتلەپ، ئۆتكەن بىر يىللىق تەكشۈرۈشتە، ئامېرىكا كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىغا ئىشلىتىلگەن 1800 دانە زاپچاسنىڭ خىتايدا ئىشلەنگەن ساختا زاپچاس ئىكەنلىكى ئېنىقلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012-05-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دوكلاتتا يەنە بۇ ئەھۋالنىڭ ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسىگە زور خەتەر ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئالاھىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان.

دوكلاتتا بايان قىلىنىشىچە، ساختا بولۇش ئېھتىمالى بار دەپ تەكشۈرۈلگەن بىر مىليون دانە زاپچاسنىڭ 70% خىتايدا ئىشلەنگەنلىكى مەلۇم بولغان. دوكلاتتا ئامېرىكا ھەربىي زاۋۇتلىرىنىڭ خىتايدىن زاپچاس ئىمپورت قىلىشنى توختىتىشى تەلەپ قىلىنىش بىلەن بىللە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ساختا مال بازىرىغا قاراتقان باشقۇرۇشىنىڭ زىيادە بوشلۇقى تەنقىدلەندى.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئېلان قىلغان دوكلاتتا يەنە، ساختا زاپچاسلار مەسىلىسىنى خىتايغا بېرىپ، تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ تەكشۈرۈشنى تەلەپ قىلغان تەكشۈرگۈچى خادىملارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋىزا بېرىشنى رەت قىلغانلىقى ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت