رۇسىيىدە لېنىن ھەيكىلىنى پارتلىتىش ۋەقەسى يەنە يۈز بەردى

رۇسىيىدە لېنىن ھەيكىلىنى پارتلىتىش ۋەقەسى يەنە يۈز بەردى. ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، رۇسىيىنىڭ سەينتپېتىسبۇرگ شەھىرىنىڭ سەھراسىدىكى پۇشكىن مەيدانىدا دۈشەنبە كۈنى كەچتە يۈز بەرگەن پارتلىتىش ۋەقەسىدە، ئەتراپتىكى بىر قىسىم ئاھالىلەرنىڭ دېرىزىسىنىڭ ئەينەكلىرى چېقىلىپ كەتكەن.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2010-12-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ پارتلىتىشتا ھۇجۇمغا ئۇچرىغان لېنىن ھەيكىلى پۈتۈنلەي يېقىلمىغان بولسىمۇ، ئەمما بەكلا قىڭغىيىپ كەتكەن، ھازىر كىشىلەر لېنىننىڭ پەلتوسى ئاللىقاچان يىرتىلىپ بولغانلىقىنى كۆرەلەيدۇ.

 سەينتپېتىسبۇرگ شەھىرىدىكى كوممۇنىست پارتىيە رەھبىرى " بۇنىڭدىن بىر يىل بۇرۇنمۇ بۇ شەھەرنىڭ فىنلاندىيە ۋوگزالىدىكى لېنىن ھەيكىلىنى پارتلىتىدىغان ۋەقە يۈز بەرگەن ئىدى، بۇ ھەيكەل تېخىچە ئەسلىگە كەلتۈرۈلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا، بۇ قېتىم بۇ شەھەردە يەنە بىر پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەردى. بۇ، تېررورچىلارنىڭ ھەرىكىتى، بىز بۇلارغا ھەرىكەت قوللىنىمىز " دېگەن.

خىتاينىڭ 'سۇمۇرغ' تور بېتى ھازىر، لېنىن ھەيكىلىگە قىلىنغان ھۇجۇمنى ئەيىبلەيدىغان ئىنكاسلارنى كۆپلەپ كۆچۈرۈپ بېسىپ، رۇسىيىدىكى كوممۇنىست قالدۇقلىرىغا ماسلىشىۋاتىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت