لى كېچياڭ ئەيدىزنىڭ ئىجتىمائىي مەسىلە ئىكەنلىكنى ئېتىراپ قىلدى

خىتاي مۇئاۋىن باش مىنىستىرى لى كېچياڭ خىتايدىكى ئەيدىز ۋەزىيىتىنىڭ ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقى ۋە بۇنىڭ بىر ئىجتىمائىي مەسىلە ئىكەنلىكنى ئېتىراپ قىلدى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-12-01
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت


ئۇ، 1 - دېكابىر دۇنيا ئەيدىز كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن قىلغان سۆزىدە مۇنداق دېدى: خىتايدىكى ئەيدىز مەسىلىسى پەقەت تېببىي مەسىلە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىر رىقابەت خاراكتېرلىك ئىجتىمائىي مەسىلىدۇر.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەيدىز مەسىلىسى خىتايدا بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل ئەيدىز بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ سانى ئالدىنقى يىلدىكىدىن 8.6 پىرسەنت ئاشقان.

بۇ يىلنىڭ ئۆزىدىلا 17مىڭ 740 ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن ئۆلگەن، بۇ يىل ئۆكتەبىرگىچە يېڭى بايقالغان ئەيدىز يۇقۇمدارى 68 مىڭ 802 گە يەتكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت