لىۋىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى خەلقئارا ئىستانبۇل يىغىنىدا كازافىي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنى سالاھىيىتىنى تامامەن يوقاتقانلىقى ئېلان قىلىندى

ئامېرىكا، تۈركىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، قاتار، ئەنگلىيە، ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى قاتارلىق 30 دەك دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى جۈمە كۈنى ئىستانبۇلدا يىغىن چاقىرىپ، كازافىي ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنى سالاھىيىتىنى تامامەن يوقاتقانلىقى، بېنغازىنى مەركەز قىلغان لىۋىيە ئۆكتىچى مىللىي كېڭىشىنىڭ لىۋىيىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىن-بىر قانۇنلۇق ئورگان ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-07-15
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى ھېلارى كلىنتون خانىم ئىستانبۇلدىكى يىغىنىدا ئەسكەرتىپ، «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بۇنىڭدىن كېيىن كازافىي ھۆكۈمىتىنى لىۋىيىنىڭ قانۇنلۇق ھاكىمىيىتى دەپ قارىمايدۇ» دېگەن.

ئانالىزچىلار بۇ قارار كازافىيغا بېرىلگەن ئەجەللىك زەربە دەپ كۆرسەتمەكتە. مەزكۇر قارار كازافىي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل بانكىلىرىدا توڭلىتىلغان پۇلىنىڭ بېنغازىدىكى ئۆكتىچى مىللىي كېڭەشكە بېرىلىشىنىڭ يولىنى ئاچقان. تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى داۋۇدئوغلۇ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ قارارىغا ئەمەل قىلىپ، كازافىيغا بېسىمنى كۈچەيتىشنى، كازافىينىڭ چەتئەل بانكىلىرىدىكى توڭلىتىلغان پۇلىنى مىللىي كېڭەشكە بېرىشنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئانالىزچىلار يىغىننىڭ قارارى كازافىيغا ئەجەللىك زەربە بولۇپلا قالماي، بېنغازىدىكى ئۆكتىچىلەر بىلەن ترىپولىدىكى كازافىينى ياراشتۇرماقچى بولغان خىتاي ئۈچۈنمۇ زەربە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

خىتاي ئۆتكەن ئاينىڭ ئاخىرلىرى ۋە بۇ ئاينىڭ باشلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، لىۋىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ ۋەكىلى ۋە كازافىي ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنى بېيجىڭغا زىيارەتكە چاقىرتقان ئىدى. ئىستانبۇلدا چاقىرىلغان جۈمە كۈنكى يىغىنغا خىتايمۇ تەكلىپ قىلىنغان. بىراق خىتاي يىغىنغا قاتنىشىشنى رەت قىلغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت