لوندوندا 'ئۇنتۇلغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار' ناملىق فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېچىلىدۇ

14 - مارت لوندون شەھىرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى باش تېما قىلغان " ئۇنتۇلغان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار" ناملىق فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى ئېچىلىدىغان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر كۆرگەزمە ئۇيۇشتۇرۇشتىكى ئاساسى مەقسەت، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار تۇرمۇشى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ناھەقچىلىك ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنى غەرب ئەللىرىگە تونۇشتۇرۇش ئىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009-03-09
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

" ئەرەب تورىدا" دەپ ئاتالغان خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىلىشىچە، مەزكۇر فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسىگە يېقىندا ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلىپ كەلگەن شۋېتسىيىلىك فوتوگراف ۋە مۇخبىرى پېر ئېنگسترومنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تارتقان بەدىئىي ئەسەرلىرى قويۇلىدىكەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كۆرگەزمىنى باش شتابى ئەنگلىيىنىڭ لوندون شەھىرىگە جايلاشقان "ئىسلام كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى" تەشكىللىگەن بولۇپ، كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىشى مۇراسىمىدا، فوتوگراف، پېر ئېنگستروم، ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەنۋەر توختى بوغدا، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى قەيسەر ئابدۇرۇسۇل ئۆزخۇن قاتارلىقلار سۆزگە تەكلىپ قىلىنىدىكەن.
تولۇق بەت